3-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىجياجۇاڭ شەھىرى چياۋشى رايونى يۈخۇا غەربىي يولى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى دەرستىن كېيىن ھاۋالىلىك باشقۇرۇشقا قاتنىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خەتتاتلىق دەرسىگە قاتناشماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: بالىلارنى مەكتەپتىن قويۇپ بېرىش بىلەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىشتىن چۈشۈشىدە ۋاقىت پەرقى بولۇشتەك قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا، خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا مەكتەپتە دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى يولغا قويدى، كۆپ مەنبەلەشكەن دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى باشقۇرۇش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق، مەكتەپنى ئاساس قىلغان، جەمئىيەتتىكى كۆپ تەرەپ قاتناشقان باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى قەدەممۇقەدەم بەرپا قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت چۈشتىن كېيىن سائەت 18:00گىچە بولىدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ شياۋ فوتوسى