تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 300دىن ئارتۇق شەھەر يەسلىسىنىڭ ھەممىسى ئېچىلدى

3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 21-يەسلىدە، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر بىلىملەرنى سۆزلەپ، ئۇلارغا يەتتە باسقۇچلۇق قول يۇيۇش ئۇسۇلىنى ئۆگەتمەكتە.

(سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ ۋېي): دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يەسلىلەر ئالدى بىلەن يېزىلاردا، ئاندىن شەھەرلەردە بولۇش تەرتىپى بويىچە، تۈركۈمگە ئايرىپ مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ ئېچىلدى. 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 300دىن ئارتۇق شەھەر يەسلىسى تولۇق ئېچىلىپ، 105 مىڭ ئوماق بالا يەسلىگە قايتتى، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى ياخشى تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈشتىن باشلاندى.

  ئالاھىدە يېنىك سېغىز توپىدىن ياسالغان «ۋىرۇس» مودېلى، قولدا سىزىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر رەسىملىك كىتاب، سۈرەتلىك يەتتە باسقۇچلۇق قول يۇيۇش ئۇسۇلى... ئۈرۈمچى شەھەرلىك 21-يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلار چوڭ زالنى «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر بىلىملەر كوچىسى» قىلىپ بېزىدى. سۈرەت بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلۈپ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس دېگەن نېمە؟» ، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس قانداق تارقىلىدۇ؟»، «قانداق قىلغاندا ياخشى مۇداپىئە قىلغىلى بولىدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش بىلىملەر نامايان قىلىندى.

  بۇنىڭ ئىچىدە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس چوڭ ۋىرۇس» ناملىق ئىجادىي رەسىملىك كىتابى بالىلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

  «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىر چوڭ ۋىرۇس، بىز ماسكا تاقاپ، قولىمىزنى پات-پات يۇيۇپ تۇرساقلا، ئۆزىمىزنى قوغدىيالايمىز.» دېدى ئوقۇتقۇچى ۋاڭ چۈنيەن بىر تەرەپتىن سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن قول يۇيۇش، ماسكا تاقاش ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«بۇ ئىجادىي رەسىملىك كىتابنى سەككىز ئوقۇتقۇچى بىر ھەپتە ۋاقىت سەرپ قىلىپ قولدا سىزىپ چىققان، رەسىم ئارقىلىق بىر كەپسىز ۋىرۇسنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغىنى، كىچىك دوستلار «قولىنى پات-پات يۇيۇش»، «ماسكا تاقاش»، «بىر مېتىر ئارىلىق» قاتارلىق قوراللار بىلەن ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرغانلىقى نامايان قىلىنغان.

  شاكىچىك ياڭ جىڭخەن كۆرگەزمە تاختىسىدىكى يەتتە باسقۇچلۇق قول يۇيۇش ئۇسۇلىغا تىكىلىپ، كىچىك قوللىرى بىلەن ئەگىشىپ مەشىق قىلدى. «بۇ باسقۇچلارغا مەن ناھايىتى پىششىق بولۇپ كەتتىم، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن يەنە ئاتا-ئانامغا ئۆگىتىپ قويىمەن.» دېدى ياڭ جىڭخەن.

  «يەسلىلەر كۆرۈنۈشلۈك تىياتىر، بالىلار ناخشىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر بىلىملەرنى ئۆگىتىدۇ. كىچىكلەر چوڭلارنى يېتەكلەش ئارقىلىق، بىر بالا بىر ئائىلىگە باشلامچىلىق قىلىپ، بىرلىكتە ئاڭلىق ھالدا مۇداپىئەنى ياخشى قىلىدۇ.» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 21-يەسلىنىڭ باشلىقى جىن يۈ.

  ئوقۇش باشلانغان تۇنجى كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-بالىلار باغچىسى «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىچىك قوغدىغۇچىسى» ئۆتكەلدىن ئۆتۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى.

    ئوقۇتقۇچى سۈن شۆبىننىڭ «كىچىك دوستلار، چۈشكۈرمەكچى بولغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟» دېگەن سۆزىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن، بالىلار بەس-بەستە ئېغىز-بۇرنىنى جەينىكى بىلەن ئېتىۋالدى.

    چوڭ سىنىپتىكى ۋۇ كېشىن ھەم تېز ھەم توغرا جاۋاب بېرىپ، «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىچىك چولپىنى» بولۇپ باھالاندى.

 «ياخشى تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈلىۋاتىدۇ. يەسلىدە، بالىلار قولىنى ئەستايىدىل يۇيالايدۇ، توپلىشىپ ئوينىمايدۇ، ناھايىتى قالتىس.» دېدى سۈن شۆبىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى