تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4- يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى

(2021- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى 2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرى يىغىنغا قاتنىشىپ، ئەزالار بىلەن بىللە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى. يىغىن رەئىس ۋاڭ ياڭنىڭ سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىدى، مۇئاۋىن رەئىس گۇ شېڭزۇ بەرگەن تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىدىكى تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ماقۇللىدى. ئەزالار 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىپ، زۇڭلى لى كېچياڭ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارنى ئاڭلاپ ھەم مۇزاكىرە قىلىپ، قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم پىكىر - تەكلىپ بەردى. ئەزالار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارىنى بىردەك قۇۋۋەتلىدى ھەم قەتئىي قوللىدى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: 2020 - يىلى يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت، ۋەزىپە، مىسلىسىز خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە كۈچەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، «13 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، «14 - بەش يىل»نى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، خەلق رازى بولىدىغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، تارىخ سەھىپىسىگە يېزىشقا بولىدىغان يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل تولۇق ئادا قىلىپ، پائال تۆھپە قوشتى. كۈرەش قىلىش مۇساپىسى جاپا - مۇشەققەتكە تولغان بولۇپ، چۈشىنىش ۋە ئورتاق تونۇش ئىنتايىن قىممەتلىك. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى، جەزمەن سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىشىمىز، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىشىمىز، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش، ئەلا سۈپەتلىك، تەكشى بولغان ئاساسىي ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇش، دۆلىتىمىز ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جەزمەن ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 2021 - يىلى «14 - بەش يىل» باشلانغان يىل. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە قوش يۆنىلىشلىك كۈچەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم مەسىلىلەر ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنى كۈتۈۋېلىنىدۇ. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۆگىنىش جەريانىنى پارتىيەنىڭ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش، ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش جەريانىغا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرۇش، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نى ئېچىشىنىڭ مۇھىم تۈزۈم لايىھەسى ۋە ئۆزگىچە ئىدارە قىلىش سۇپىسى. «ئىككى چوڭ ۋەزىيەت»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كېڭىشىش قائىدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كېڭىشىش مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە سىرتىدىكى ۋەكىللىك زاتلارنى ئىدىيەۋى - سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماھىر بولۇپ، ئەزالارنىڭ كەسپىي پىكرىنى سىياسەت تاللاش تۈرىگە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، ساھە، ئاممىغا يۈزلىنىپ تەلەپلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان كۆۋرۈك، ۋاسىتە بولۇشقا ماھىر بولۇپ، تۈپ مەنپەئەتنىڭ بىردەكلىكى بىلەن ئەقىل - پاراسەت كۈچىنىڭ كەڭ دائىرىلىك بولۇشىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىشنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، ئاز سانلىق مىللەت زاتلار، دىن ساھەسىدىكى زاتلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار، يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلار قاتارلىقلار بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇش، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش كېرەك. «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي قوللاپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىلدىكى ئورتاق تونۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇش ۋە ئۇنى قەتئىي توسۇش كېرەك. تاشقى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى قاتناشقان ئورۇنلار ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.