تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى تەكلىپ كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك كومىتېتى 4-يىغىنىدىكى تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى

(2021- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى سىياسىي كېڭەش 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 4- يىغىنىدا ماقۇللاندى)

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى مەزگىلىدە، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى چۆرىدەپ، تەكلىپ ئارقىلىق پائال چارە - تەدبىر كۆرسەتتى، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلدى.

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى سائەت 20گىچە، جەمئىي 5913 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى. «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ تەكلىپ خىزمىتى نىزامى» ھەم تەكلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى تەپسىلىي قائىدىسىگە ئاساسەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تۇرغۇزۇلغان تەكلىپ 4940 پارچە، قوشۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان تەكلىپ 127 پارچە، پىكىر ۋە تەۋسىيەگە ئۆزگەرتىلگەن تەكلىپ 846 پارچە.

تۇرغۇزۇلغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئەزالار يەككە ياكى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ سۇنغان تەكلىپ 4454 پارچە بولۇپ، %90.2نى ئىگىلىدى؛ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ساھە، ئەزالار گۇرۇپپىلىرى قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ 486 پارچە بولۇپ، %9.8نى ئىگىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا ئائىت تەكلىپ 1820 پارچە بولۇپ، %36.8نى ئىگىلىدى؛ سىياسىي قۇرۇلۇشقا ئائىت تەكلىپ 312 پارچە بولۇپ، %6.3نى ئىگىلىدى؛ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئائىت تەكلىپ 312 پارچە بولۇپ، %6.3نى ئىگىلىدى؛ جەمئىيەت قۇرۇلۇشىغا ئائىت تەكلىپ 1808 پارچە بولۇپ، %36.6نى ئىگىلىدى؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئائىت تەكلىپ 468 پارچە بولۇپ، %9.5نى ئىگىلىدى؛ باشقا تەرەپلەردىكى تەكلىپ 220 پارچە بولۇپ، %4.5نى ئىگىلىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندىكى تەكلىپلەر تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە: بىرىنچى، ئەزالارنىڭ تەكلىپ ئارقىلىق كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسىتىش ئاكتىپلىقى يۇقىرى بولدى. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى تولۇق نامايان قىلىندى. جەمئىي 1959 ئەزا تەكلىپ سۇنغان بولۇپ، ئەزالار ئومۇمىي سانىنىڭ %90.7ىنى ئىگىلىدى؛ بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ سۇنغان تەكلىپلەر كۆپىيىپ، تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ %15.2ىنى ئىگىلىدى. ئىككىنچى، تەكلىپلەرنىڭ مەزمۇنىدا پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى چوڭ ۋەزىيىتى، خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر چىڭ كۆزلەندى. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىقلار چۆرىدىلىپ 2558 پارچە تەكلىپ سۇنۇلۇپ، تەكلىپ ئومۇمىي سانىنىڭ %43.3ىنى ئىگىلىدى. نۇرغۇن ئەزا يەنە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپ بەردى. ئۈچىنچى، تەكلىپلەردە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلدى، سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى. ئەزالار سۈپەت ئېڭى ۋە سەر خىل بولۇش ئېڭىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يەنىمۇ كۈچەيتتى، تەكلىپ تېمىلىرىنى تاللاشقا دىققىتىنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈردى، تەۋسىيەلەرنىڭ قاراتمىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى يەنىمۇ كۈچەيدى.

يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، تەكلىپلەر بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەكلىپ تاپشۇرۇش ۋاقتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەر تەكشۈرۈپ تەكلىپ قىلىپ تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن، يىغىن يېپىق مەزگىلدىكى تەكلىپلەر قاتارىدا بېجىرگۈچى ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى دوكلاتنى قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.