تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى

− سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدا بېرىلدى

(2021- يىل 3- ئاينىڭ 4- كۈنى)

ۋاڭ ياڭ

ئەزالار:

مەن جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

1. 2020 - يىلى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدۇق

2020 - يىلى يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى تولىمۇ ئالاھىدە بىر يىل بولدى. كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە، مىسلى كۆرۈلمىگەن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە زور ئىستراتېگىيەلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلق رازى بولىدىغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان، تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلىدىغان يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چوڭ - چوڭ ئىشلارنى يېقىندىن چۆرىدىگەن ھالدا ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتقان ئاساستا خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پائال تۆھپە قوشتۇق، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىدا يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلىپ، مەركىزىي ۋەزىپىگە مۇلازىمەت قىلىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

(1) نەزەرىيە ئۆگىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملىدۇق. پارتگۇرۇپپا نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى يىغىنى، رەئىسلەر يىغىنى، دائىمىي كومىتېت يىغىنى قاتارلىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش بويىچە 11 سۆھبەت گۇرۇپپىسىدا 46 قېتىم ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 3 - تومىنى سىستېمىلىق ئۆگەندۇق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم سۆزلىرىنى ئىزلاپ ئۆگەندۇق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى مەخسۇس ئۆگەندۇق، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئۆگەندۇق. ئەزالار كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» نەزەرىيەسى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ۋە رەقەملىك ئىقتىساد، تارىختىكى يۇقۇم مۇداپىئەسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قاتارلىق تېمىلاردا 47 كىتاب ئوقۇش توپى قۇردۇق، ئەزالار 140 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كىتاب ئوقۇش تەسىراتى سۆزلىدى، توردا كۆرۈلۈشى 1 مىليون 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە كىتاب ئوقۇش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي كېڭەش ئۇچۇرلىرى، كىتاب ئوقۇش قىسقا خەۋەرلىرى، تۈپلەنمىگەن ھۆججەت قاتارلىقلار ئارقىلىق مۇھىم پىكىر - تەكلىپلەرنى ئېلان قىلدۇق، يېڭى تاراتقۇ قاتارلىقلار ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئورتاق تونۇش تارقاتتۇق، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى ئۆگىنىش يۈرۈشلۈك مەخسۇس سەھىپىسىنىڭ چېكىلىشى 60 مىليون قېتىمغا يەتتى، بۇ ئارقىلىق ئەزالارنىڭ ئۆزىنى تەربىيەلىشى، كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەر ساھە ئاممىنى يېتەكلەشنى ئۆزئارا تۈرتكە قىلىپ، «كىتابخۇمار سىياسىي كېڭەش» ئارقىلىق «كىتابخۇمار جەمئىيەت» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدۇق. ئىزچىل ئۆگىنىش ئارقىلىق، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدىيەۋى ئاساسنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىل زاتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش، يېتەكلەشنىڭ مۇھىم سۇپىسى بولغان خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئوبدان جارى قىلدۇردۇق.

(2) كېڭىشىش، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلدۇق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ئورۇنلار، مەخسۇس كومىتېتلار، ھەر ساھە ئەزالىرىنى يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە تېزدىن ئاتلىنىشقا تەشكىللىدۇق. زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىش - ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىگە پائال ھەمدەم بولۇپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىغىن، سۆھبەت، ئەزالار مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش كۆچمە سۇپىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق كېڭىشىپ، ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىپ، تېز سۈرئەتلىك يول بەرپا قىلىپ، 249 سان «كۈندىلىك جەمئىيەت ئەھۋالى»، 699 تەكلىپ يوللاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ۋە ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدۇق. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قەھرىمانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى باش تېما قىلىپ، 34 ساھەنى قاپلىغان ئەزالار كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىنى خۇبېينى كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللىدۇق، ئەزالار ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈش، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلاش داۋامىدا چوڭقۇر ئىدىيەۋى تەربىيە ئالدى ۋە روھىنى پاكلىدى. ئەزالار ھەرقايسى سەپلەردە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، بىمارلارنى داۋالاپ ساقايتىش، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، كارخانا ۋە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە پائال قاتنىشىپ، ئالاھىدە يىلدا ئالاھىدە «ئەزالار تاپشۇرۇقى» ئىشلىدى.

تۈرلۈك كېڭىشىش شەكىللىرىنى ئۈنۈملۈك قوللىنىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى توردا مۇھاكىمە قىلىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دائىملاشقان شارائىتتا مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىدە بوشاشماسلىق، قالايمىقانلاشماسلىق ۋە ئۈزۈپ قويماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن بىر يىلدا 23 قېتىم مۇھىم كېڭىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، 80 تۈرلۈك كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىدۇق. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈشنى نىشانلاپ، ئەزالار سۆھبەت يىغىنى، سىنلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش يىغىنى، ۋەزىيەت تەھلىل قىلىش يىغىنى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مۇھاكىمە قىلدۇق، مۇشۇ ئاساستا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىش دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، مەركەزلىك كېڭەشتۇق ۋە ئەقىل - تەدبىر كۆرسەتتۇق. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ھەمكارلىقىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش داۋامىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا مەخسۇس كېڭەشتۇق، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، ئىجادچان پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى - يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، چەتكە چېتىشلىق قانۇن ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىش، كۆپ يوللار ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوللاش، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئوتلاق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش، دېڭىز - ئوكيان بايلىقىنى قوغداش ۋە ئېچىش قاتارلىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ باردۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تۈرتكە بولدۇق، مەخسۇس كومىتېتلار، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يەرلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ئاممىسى بىلەن سىنلىق ئالاقىلىشىپ، نىسپىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە كېڭىشىپ، «<14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە غەربىي رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش»كە دائىر نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردۇق. كېڭىشىش، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش نەتىجىلىرىنى ۋاقتىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ، 2547 سان سىياسىي كېڭەش ئۇچۇرى يوللىدۇق. جەمئىي 5974 پارچە تەكلىپ لايىھەسى تاپشۇرۇۋېلىپ، 5044 تەكلىپ تۇرغۇزدۇق.

(3) كەڭ دائىرىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىق - ھەمكارلىق ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملىدۇق. سىردىشىش، سۆھبەتلىشىش، ئەزالار دەرسخانىسى، ئەزالار مۇھىم مەخسۇس خىزمەت لېكسىيە ئۆمىكى قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكىلەردىن پارتىيە سىرتىدىكىلەرگىچە، ئەزالاردىن ھەرقايسى ساھە ئاممىسىغىچە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمەت ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساستا زىددىيەتنى تۈگىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭ مۇھىم يولىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە سىرتىدىكى ئەزالارنى 300 ئادەم قېتىم تەكلىپ قىلىپ سىردىشىپ، يۈزتۇرا ئەھۋال ئىگىلەپ، پىكىر ئالماشتۇردى. نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە 10 مەيدان ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتۇق، ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ئەزالار مەخسۇس كۆزدىن كەچۈرۈش پائالىيىتىنى 11 قېتىم قانات يايدۇردۇق. ئەزالارنىڭ تەسىر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم مەخسۇس خىزمەت بويىچە ئەزالار لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى 14 مەيدان ئۆتكۈزدۇق، 12 سان «ئەزالار دەرسخانىسى» پىروگراممىسى قويۇپ، ھەرقايسى ساھە ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىغا سىياسەت چۈشەندۈرۈش، تۈگۈن يېشىپ بېرىش، كۆزلىمىنى يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدۇق، ئالاقىدار پىروگرامما ۋە خەۋەرلەرنىڭ كۆرۈلۈشى 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ ئۆز نامىدا تەكلىپ بېرىشى، يىغىندا سۆزگە چىقىش ماتېرىيالى تاپشۇرۇشىنى مېخانىزملىق ئورۇنلاشتۇردۇق، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى مۇھىم كېڭىشىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە قاتناشتى. ئاز سانلىق مىللەت ساھەسى، دىن ساھەسى بويىچە مەخسۇس كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتۇق، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق ئەزالارنى ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىش يىغىنى ۋە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىدۇق، تەيۋەن قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش باش تېما كۆرگەزمىسى ۋە 12 - نۆۋەتلىك دېڭىز بوغۇزى مۇنبىرى . 3 - نۆۋەتلىك ئىككى قىرغاق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈشكە قاتناشتۇق، يېڭى ئەۋلاد چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرىنى ئۆگىنىش، سۆھبەتلىشىش، دۆلەت ئىچىدە كۆزدىن كەچۈرۈش قاتارلىقلارغا تەكلىپ قىلدۇق. شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق ئەزالارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە باش مەمۇرنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى قوللاپ، شياڭگاڭ رايونىدىكى ئەزالارنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىنى تۈزۈپ يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئىزچىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىگە ئىلھام بەردۇق. «بۇلۇت دىپلوماتىيەسى» ۋە تور سىرتى ئالاقە ئۇسۇلىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، تاشقى ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭغا، شىزاڭغا، شياڭگاڭلارغا چېتىشلىق قانۇن لايىھەسى ۋە يۇقۇمغا چېتىشلىق جۇڭگوغا قارشى تەكلىپ لايىھەسى، شۇنىڭدەك ئايرىم سىياسەتۋازلارنىڭ جۇڭگوغا قارشى سەپسەتىلىرىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلىش، سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئەزالار زىيارەتنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قاتتىق رەددىيە بەردۇق، جۇڭگو ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي ئىشلار كېڭىشى، جۇڭگو دىن ساھەسى تىنچلىق كومىتېتىنىڭ پىرىنسىپال مەيدانىمىز ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە بېرىشىنى قوللىدۇق.

(4) خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق. يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى كۈچەپ ياخشى ئىشلەشكە تېگىشلىك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش خىزمىتى قائىدىسىنى تۈزۈپ، كېڭىشىش مەزمۇنى، شەكلى، مۇزاكىرە قىلىش پىرىنسىپى، تەرتىپ - ئۇسۇلى قاتارلىقلار ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىپ، زور ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئەزالار ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىختىساسلىقلار ئامبىرى قۇرۇپ، كېڭىشىش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش، قېلىپلىشىش، تۈزۈملىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش سۇپىسى، خىزمەت مېخانىزمى، نىشان ئوبيېكتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك كېڭىشىش تەرتىپى ۋە ئۈنۈملۈك خىزمىتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندۇرۇشتا تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدۇق. نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى تاللاش ۋە بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈردۇق. ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىجابىي رىغبەت بىلەن ئىنتىزام چەكلىمىسىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەزالارنى ھەر ساھە ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان مۇنەۋۋەر ئەزالارنى تەقدىرلىدۇق.

(5) ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق. پارتىيە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم بازىسىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق. ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئارخىپى، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش يىللىق دوكلاتى تاپشۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەلىك دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشىنى باھالاشنى داۋاملاشتۇردۇق. ئەزالارنى دائىمىي كومىتېت يىغىنىغا تۈركۈم بويىچە سىرتتىن قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى شەكىللەندۈردۇق. سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 3 - يىغىنىنىڭ تەجرىبىسى ۋە ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ۋاقتىنى قىسقارتىپ، يىغىن ئىستىلى، ھۆججەت ئىستىلىنى ئىزچىل ياخشىلىدۇق. نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سىنلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سوئال - جاۋابلىق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر كۆزدىن كەچۈرۈش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتلىرىنى باھالاشنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش نەتىجىلىرىنى ئىنكاس قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاخبارات - ئاممىۋى پىكىر بازىسى قۇرۇلۇشىنى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مەخسۇس كومىتېت خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەخسۇس كومىتېت ئومۇمىي قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ساھەلەر بىلەن ئالاقە باغلاش، ئەزالارغا مۇلازىمەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمەت سەۋىيەسى ۋە ئۇللۇق رولىنى روشەن كۈچەيتتۇق. يەرلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىنى ئومۇملاشتۇردۇق. جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نەزەرىيە تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، زور نەزەرىيە مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردۇق. مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئورگان پارتگۇرۇپپىسىدا كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، ئۈنۈملۈك ئۈلگىلىك ئورگان قۇردۇق.

ئەزالار، بىر يىلدىن بۇيانقى خىزمەت نەتىجىلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، قاتناشقۇچى ئورۇنلار ۋە كەڭ ئەزالارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!

شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمىتىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەرنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز: مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزغا، كېڭىشىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىمىزگە، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش سەۋىيەمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىمىزگە، كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەت قىلىش ئۇسۇلى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت داۋامىدا ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

2. 2021 - يىلى: «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى نىشانلاپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىمىز

2021 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلانغان تۇنجى يىل. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى مەۋقە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت - فاڭجېنلىرى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئادا قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى باشلاش، تۇنجى قەدەمنى ياخشى تاشلاش ئۈچۈن كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، كۈچ - قۇدرىتىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

(1) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىمىز. دائىمىي كومىتېت كوللېكتىپ ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش، پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆھبەتلىشىش، ئەزالار كىتاب ئوقۇش قاتارلىق شەكىللەرنى بىرتۇتاش قوللىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان «تۆت تارىخ» تەربىيەسىنى كۈچەيتىمىز. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئەزالارنى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 8 - قۇرۇلتىيى تارىخى كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە ھەمكارلىشىمىز. سىياسىي كېڭەش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەزالار لېكسىيە سۆزلەش، مەخسۇس تېمىدا كۆزدىن كەچۈرۈش - تەكشۈرۈش، نەزەرىيە مۇھاكىمىسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز. ئۆگىنىش - تەربىيە ئارقىلىق، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە قاتناشقان پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى مۇشەققەتلىك كۈرەش مۇساپىسىدىن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ھالقىشتىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈزبەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەردىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق سىياسىي كېڭەش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بوران - چاپقۇندا جۇڭگو خەلقىگە ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچ بولىدىغانلىقىنى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىلمىي كۆرسەتمە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، سىياسىي، ئىدىيە، نەزەرىيە، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، قول تۇتۇشۇپ يېڭى مۇساپىگە باتۇرانە ئاتلىنىشقا يېتەكلەيمىز.

(2) «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، كېڭىشىش، ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرىمىز. پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، تىنچ جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىش دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ياشانغانلار كۆپىيىشىگە ھازىرلىق كۆرۈش قاتارلىق مەخسۇس تېمىلاردا كېڭىشىمىز. قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى، تەكلىپ بېجىرىشنى كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى توردا مۇھاكىمە قىلىش، يىراقتىن كېڭىشىش، نىشانلىق كېڭىشىش، ساھەلەر بويىچە كېڭىشىش قاتارلىق شەكىللەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ يېڭى چوڭ - چوڭ پەن - تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى چىڭ كۆزلەش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسىنى قۇرۇش، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى بايلىقىنى قېزىش ۋە قوغداش سالمىقىنى زورايتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مۇزېي ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا كۆپ خىل يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، دۆلەتنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇداپىئە تورىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا پائال مۇھاكىمە قىلىمىز ۋە ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىمىز. مۇتەخەسسىسلەر كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئورتاق بېيىشقا تۈرتكە بولۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش، مىللەت سىياسىتى، دىن سىياسىتى قاتارلىق زور مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر كېڭىشىپ، كېڭىشىش تۈزۈمىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىمىز. دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش جەريانىدىكى چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

(3) بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ۋە بۈيۈك بىرلىكنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى تىرىشىپ مۇجەسسەملەيمىز. ئەزالار دەرسخانىسى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئەزالار مۇھىم مەخسۇس خىزمەت لېكسىيەسى سۆزلەش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، 10 مەيداندىن ئارتۇق پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇش تارقىتىش يوللىرىنى كېڭەيتىمىز. ئەزالار ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئامما بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىشى كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭىچە پارتىيە تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرىمىز. ساھە ۋەكىل زاتلار سۆھبەت يىغىنى، ئەزالار كىتاب ئوقۇش - تور سىرتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى، سىردىشىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار، ئاز سانلىق مىللەت زاتلىرى، دىن ساھەسىدىكى زاتلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار، يېڭى ئىجتىمائىي قاتلامدىكى زاتلار بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرىمىز. «شياڭگاڭنى ۋەتەننى سۆيىدىغانلار ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي قوللاپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد - مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كېڭىشىشنى قانات يايدۇرىمىز. شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، شىنخەي ئىنقىلابى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىغا ئورتاق كۈچ چىقىرىمىز. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دائىملاشقان شارائىتتىكى تاشقى ئالاقە ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ «دوستلار چەمبىرىكى»نى كېڭەيتىمىز.

(4) تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تۇتقا قىلىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز. يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر قاتارلىق تۈزۈم - بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى، ئورگان پارتگۇرۇپپىسى، مەخسۇس كومىتېتلار شۆبە پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچىمىز. ئەزالارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىش، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشنى باھالاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، ئىنتىزام ئارقىلىق چەكلەش قاتارلىق تۈزۈم - مېخانىزملارنى ئەستايىدىل يولغا قويىمىز. تەكلىپ بېرىش، كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يىغىندا سۆزگە چىقىش، جەمئىيەت ئەھۋالى - خەلق رايى ئۇچۇرىنى ئىنكاس قىلىش، ئاخبارات - تەشۋىقات قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچىمىز. «خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش» نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئاچىمىز. شەھەرلىك، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىرنى تۈزۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز. يىغىن ئىستىلى، ھۆججەت ئىستىلىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىقتىسادچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، خىزمەت تەننەرخىنى تىرىشىپ تۆۋەنلىتىپ، خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. ئورگاننىڭ كۆزىتىشتىن كېيىنكى تۈزىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ نەمۇنىلىك ئورگان بەرپا قىلىمىز.

3. مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش

دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، بۇ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىگە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

(1) مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ خاراكتېرى ۋە ئورنى ھەر تەرەپلىمە يۈكلەنگەن مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى − دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئورگانىك تەركىبىي قىسمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنى راۋاجلاندۇرىدىغان، «جۇڭگو ئىدارە قىلىشى»نى يارىتىدىغان مۇھىم تۈزۈم لايىھەسى ۋە ئۆزگىچە ئىدارە قىلىش سۇپىسى. دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمىنىڭ 70 نەچچە يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى، بۇلتۇردىن بۇيانقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، زور خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش كۈرەش مۇساپىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ئىجابىيلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى ھېس قىلىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. بامەسلىھەت ئىش قىلىش، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ بىر نىيەت - بىر سەپتە بولۇشتەك سىياسىي ئەۋزەللىكى، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشتەك ئىتتىپاقلىق ئەۋزەللىكى، باراۋەر كېڭىشىشتەك دېموكراتىيە ئەۋزەللىكى، ئىختىساسلىقلارنى توپلاشتەك ئەقلىي كۈچ ئەۋزەللىكى، مۇناسىۋەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشتەك فۇنكسىيە ئەۋزەللىكى، ئالاقىسى كەڭ بولۇشتەك ساھە ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، تۈپ مەنپەئەتنىڭ بىردەكلىكى بىلەن ئەقىل - پاراسەت، كۈچ - قۇۋۋەتنى كەڭ دائىرىدە بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ - چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ۋە ئىشلارنى كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ مەسلىھەتلىشىش بىرلىكىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىدىيەۋى ئاساس ۋە ئىجتىمائىي ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك.

(2) مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ خىزمەت تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 77 مۇھىم خىزمەت تۈزۈمىنى تۈزۈپ ۋە تۈزىتىپ، سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنى ئاساس قىلغان، كېڭىشىش، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش، تەشكىللەش - باشقۇرۇش، قوشۇن قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى قاپلىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى. ئەمەلىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى توردا مۇھاكىمە قىلىش، ئەزالار كىتاب ئوقۇش - پىكىر ئالماشتۇرۇش، جەمئىيەت ئەھۋالى - خەلق رايى ئۈستىدە سەمىمىي سۆھبەتلىشىش، ھەر ساھە ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاش قاتارلىق ئەمەلىيەت داۋامىدىكى يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تۈزۈم - قائىدىلەرنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كېڭىشىش مەدەنىيىتى يېتىلدۈرۈپ، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچ - قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇش، باراۋەر ۋە كەڭ قورساق بولۇش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقنى ساقلاپ قېلىش، ھەممىنى قوينىغا ئېلىش قاتارلىق ئىدىيەلەرنى سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ھەرىكەت جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ خاراكتېرى، ئورنى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش كېرەك. تۈزۈمنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تۈزۈمگە ھۆرمەت قىلىپ، تۈزۈمنى قوغداپ، تۈزۈمنى ئاڭلىق ئۆگىنىپ ۋە تەتبىقلاپ، كېڭىشىش، مەسئۇلىيەت ئادا قىلىشنى ئەستايىدىل، تەرتىپلىك ۋە جانلىق قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كېڭىشىش سىستېمىسىغا سىڭىشىپ، سىياسىي كېڭەشتە كېڭىشىشنىڭ باشقا كېڭىشىش شەكىللىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ماسلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

(3) مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش − مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىدىكى ئاچقۇچ. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان ۋە ئۇنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم بازىغا، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ۋەكىل زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشنىڭ مۇھىم سۇپىسىغا، ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساستا زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش ۋە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنىڭ مۇھىم يولىغا ئايلىنىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش، ئىقتىدار يېتەرسىزلىكى ۋە قابىلىيەت ۋەھىمىسى − ھەربىر ئەزانىڭ ئالدىغا قويۇلغان رېئال مەسىلە، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش − بارلىق ئەزالارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، سىياسىينى ئىگىلەش ئىقتىدارى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارى، ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش − مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. كېڭىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش − مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىكى ئەڭ تەخىرسىز تېمىسى. پارتىيە سىرتىدىكى ۋەكىل زاتلار بىلەن كېڭىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماھىر بولۇش؛ تارماقلار بىلەن كېڭىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەسپىي پىكىرلەرنى سىياسەت تۈزەش مەزمۇنىغا ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇش؛ ساھە ئاممىسى بىلەن كېڭىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئارزۇ - تەلەپلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئەلنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلايدىغان، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان ياخشى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك. تەربىيەلەش ۋە مۇھاكىمە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەزالارنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەركىم ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايدىغان، پەرق بولۇشىغا قارىماي ئوخشاشلىقلاردا ماھىرلىق بىلەن بىرلىككە كېلىدىغان بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ياراملىق ئەقىل - تەدبىر كۆرسىتىش، ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مۇجەسسەملەش كېرەك. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى «سىياسىي كېڭەشنى چۈشىنىش، كېڭىشىشنى بىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا ماھىر بولۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئەخلاققا ئېتىبار بېرىش» تەلىپى بويىچە، مەسئۇلىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ۋە مەسئۇلىيەتنى ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش روھى ۋە مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېڭى مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىشى لازىم.

ئەزالار! «دېمىگىن تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى، مانا مەغرۇر ئاتلىدۇق بىز بېشىدىن دەسسەپ ئۇنى». بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

(تەرجىمىسىنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنى كاتىبات باشقارمىسى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.