تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلىرىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېي ئايرىم - ئايرىم بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، بۇ ئۈچ قارار لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسى قاراپ چىقىلدى.

يىغىندا يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ ئايرىم - ئايرىم بەرگەن يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى ئۈچ قارار لايىھەسىنىڭ ۋاكالىتەن تەييارلانغان نۇسخىسى قاراپ چىقىلدى.

يىغىندا يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۇنيىڭ بەرگەن يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم قاراپ چىقىلدى.

يىغىن تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرىگە ئالاقىدار دوكلات ھەمدە قارار لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسى، قارار لايىھەسى ۋە دوكلاتنى يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشقا قوشۇلدى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۇنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.