زۇڭلى لى كېچياڭ مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى، يىللىق پىلان، يىللىق خامچوت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى يەتتە قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقىدۇ؛ سائەت 11دە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 4 - قېتىملىق يىغىنىنى ئاچىدۇ.
3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى خەلق سارىيىدا يېپىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.
يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ 3 - قەۋىتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك زالدا مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ.