تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ئىككى ئالىي مەھكىمىنىڭ دوكلاتى ۋە يىغىننىڭ ئالاقىدار قارار لايىھەلىرىنى قاراپ چىقتى

چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتقا داۋاملىق قاراپ چىقتى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى، پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتى توغرىسىدىكى تۆت قارار لايىھەسىگە قاراپ چىقتى.

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، نەيىم ياسىن قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ جۈنجېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار سىن شەكلى ئارقىلىق پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، دۆلەت مۇداپىئە ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، قىسىمنىڭ ئىسلاھاتى، قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، ئارمىيە خەلقنى سۆيىدىغان، خەلق ئارمىيەنى ھىمايە قىلىدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كەڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، ھەقىقىي تۈردە قىسىمنىڭ تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى قوللايدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىگە قاتنىشىدىغان قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەت ئېغىر، زور، بۇرچ شەرەپلىك. سوت قىلىشنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىستېما قارىشى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، ئاساسنى كۈچەيتىش يۆنىلىشىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، چوڭ ۋەزىيەتكە پائال مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى قاتتىق، ئادىل يۈرگۈزۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى، تەپتىش ئىشلىرىدا يېڭى مۇساپە باشلاندى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى سىجىل مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا سىڭىشىدىغان قانۇنچىللىق ئاڭلىقلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تەپتىش قىلىش ئاڭلىقلىقىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ۋەكىللەر بىردەك ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى، 2020-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2021-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى، 2020-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2021-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتى توغرىسىدىكى تۆت قارار لايىھەسىنى قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شى داگاڭ، پېڭ جيارۇي، غانىبات سابۇكەي، جۇ خەيلۇن، زۇمرەت ئوبۇل، مۇقىيات جارمۇقاممەت، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، دىلشات قىدىرقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.