تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

كۈچنىمۇ جەسسەملەپ، ئارزۇغا قاراپ ئىلگىرىلەش

− مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ يېپىلغانلىقىدىن خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جياڭ لىن، جېڭ مىڭدا، خۇ لۇ

باھار كۈنلىرىدە ھاۋا تەدرىجىي ئىللىپ، يۈلەن گۈلى غۇنچىلىدى.

3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيى ھەيۋەتلىك تۈسكە كىرگەنىدى، لەپىلدەپ تۇرغان قىزىل بايراق بىلەن دۆلەت گېربى ئۆزئارا گىرەلىشىپ چاقناپ تۇراتتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 2000دىن ئارتۇق ئەزاسى ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

خۇاجۇڭ پەن - تېخنىكا داشۆسى قارىمىقىدىكى شيېخې دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى، ئەزا خۇ يۈ مەزمۇت قەدەم تاشلاپ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىغا كېلىپ، پەلەمپەيدىن چىقتى.

بۇلتۇرقى مۇشۇ ۋاقىت دەل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھالقىلىق پەيتى ئىدى، ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى.

«بۇ يىل يىغىن مەزگىلىدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىي كېڭەش تېببىي دورا - سەھىيە ساھەسى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى نەق مەيداندا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ھەسسىلەپ ئىلھاملاندىم، شۇنداقلا مەسئۇلىيىتىمنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» ئەزا خۇ يۈ مۇنداق دېدى: پائال نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ دەل، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى زور كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمەن.

بۇ، كەڭ دائىرىدە كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەيدىغان، ياخشى تەدبىر كۆرسىتىدىغان بىر قېتىملىق يىغىن بولدى −

يىغىن جەمئىي 5913 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى. ئالتە يېرىم كۈن ۋاقىت ئىچىدە، كۈنتەرتىپ زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولدى. ھەربىر مەيدان مۇزاكىرە، ھەربىر قېتىملىق ئەقىل كۆرسىتىش، ھەربىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش، ھەربىر پارچە تەۋسىيە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتەك مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جۇشقۇنلۇقىنى نامايان قىلدى.

بۇ بىر نەچچە كۈندىكى يىغىن مەنزىرىسىنى ئەسلەپ، سىچۇەندىن كەلگەن ئەزا يىشى داۋانىڭ قايتقۇسى كەلمەيلا قالدى. «گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە كۆپچىلىك ناھايىتى قىزغىن پىكىر بايان قىلدى، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئۆزئارا پىكىرلىشىش داۋامىدا نۇرغۇن ياخشى تەدبىر بارلىققا كەلدى».

يىغىن مەزگىلىدە، ئەزا يىشى داۋا ئېلىپ كەلگەن يېزىلاردىكى ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى نۇرغۇن تارماقنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ ئۇنىڭ ئىشەنچىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى: «ھۆكۈمەت راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولسا، چوقۇم يېزىلاردا ياشانغانلار كۈتۈنۈشىنىڭ ياخشى يولىنى تاپقىلى بولىدۇ».

بۇ، ھەممە بىر نىيەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدىغان يىغىن بولدى −

يىغىن مەزگىلىدە، ئەزالار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات زور پىلانىنى چۆرىدەپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى لايىھەسىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پائال ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ چارە - تەدبىر كۆرسەتتى، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 2لەردە، خەلق سارىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان «ئەزالار يولى» ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سەككىز ئەزاسى توردا سىن ئارقىلىق جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇردى، تەرەققىيات ياخشى تەدبىرلىرى ئۈستىدە كەڭ - كۇشادە توختالدى.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالپاقنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ئاددىيلا ئۆي - ماكانىنى كۆچۈرۈپ قويۇش ئەمەس، يەنە يولنى ياخشى ياساپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى، تەدرىجىي بېيىيالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»؛

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، خۇددى قۇياش نۇرى، ھاۋا ۋە سۇغا ئوخشاش، مەنپەئەتلەنگىنىمىزنى تۇيمايلا قالىمىز، ئايرىلىپ قالساق ياشىيالمايمىز» ...

ئەزالارنىڭ «ياخشى ساداسى» يىغىن زالىدىن پۇقرالارنىڭ قەلبىگە، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا تارالدى.

ئۈچ مەيدان «ئەزالار يولى»دىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغىچە، كۆپ مەيدان ساھەلەر كېڭىشىش يىغىنىدىن 24 ئەزانىڭ يىغىندا سۆز قىلىشىغىچە... خۇددى كۆزنەكلەرگە ئوخشاش، دۇنياغا جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىش، ئارزۇغا ئىنتىلىشتەك كۆتۈرەڭگۈ قىياپىتىنى نامايان قىلدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3لەردە يېپىلىش يىغىنى باشلاندى. شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشتى.

10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالدا كەيپىيات قىزغىن ئىدى.

سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات توغرىسىدىكى قارار، تەكلىپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن دوكلات، يىغىن سىياسىي قارارى... ئەگمە تورۇستىكى چاقناپ تۇرغان چىراغ نۇرى ئاستىدا، ئەزالار تەنتەنىلىك ھالدا ئاۋاز بېرىش كۇنۇپكىسىنى باستى.

«مۇھىم بازىنى مۇستەھكەم قۇرۇپ، قىلچە تەۋرەنمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك»؛

«مۇھىم سۇپىنى مۇستەھكەملەپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك»؛

«مۇھىم يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يېڭى مۇساپىسىنىڭ بىرىكمە كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك»؛

...

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭنىڭ سۆزى يىغىن مەيدانىدا گۈلدۈراس ئالقىش قوزغىدى.

يېڭى تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا ئېچىلغان سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى جەزمەن ئىنتايىن ئالاھىدە بولىدۇ.

«دېھقانلارنىڭ پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا - كەنتلەرنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش <14 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىدىكى ئېنىق تەلەپ. بىز تېخىمۇ كۆپ يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنى تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز.» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ داغدام يولىدا مېڭىشقىچە، گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ پەنجوۋ شەھىرى يۈنى يېزىسى يەنبو كەنتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئەزا يۈ ليۇفېننىڭ نىشانى ئېنىق ئىدى.

يىغىن مەيدانىدىن چىققان ئەزالارنىڭ غەيرەت - جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

«مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز»؛

«ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىمىز، خەلقچىل قەلبىمىز ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىمىز»؛

...

يېڭى مۇساپىنىڭ بۇرغىسى چېلىندى. باھار رىتىمىغا ئەگىشىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئارزۇغا قاراپ ئاتلىنايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى