تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پومپېئو مۇقەررەر ھالدا تارىخنىڭ ئادىل سوتلىشىغا ئۇچرايدۇ

ئالاتاۋ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ئالىمجان روزى

پومپېئو ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا «ئەسىر يالغان - ياۋىداق سۆزى»نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭغا ھە دەپ ھۇجۇم قىلىپ، قارا چاپلاپ، «تارىختىكى ئەڭ ناچار، ئەڭ رەزگى، ئەڭ نومۇسسىز دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى»نىڭ رەزىل ئەپت - بەشىرىسىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

مەن چاقىلىق ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەربىيەلىشى ۋە غەمخورلۇقىدا، داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئاساسىي قاتلامدىن قەدەممۇ قەدەم ئۆسۈپ يېتىلدىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، كىچىك ۋاقتىمدا بىر قەۋەتلىك ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، ھەر مىللەت قوشنىلار ئىزچىل ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتەتتۇق، بىرەر ئائىلىدە ئىش بولسا كۆپچىلىك كېلىپ ياردەملىشەتتى، چاغان، قۇربان ھېيت، روزا ھېيت، جۇڭچيۇ بايرىمى قاتارلىق بايراملاردا كۆپچىلىك بىللە تاماق يەپ، بىللە خۇشال بولۇپ، بىللە تەبرىكلەيتتۇق. داشۆدە ئوقۇۋاتقاندا، مەكتەپ تۇرمۇش جەھەتتە بىزگە كۆپ كۆڭۈل بۆلۈپ، ماڭا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى تولىمۇ ھېس قىلدۇردى.

ئالاتاۋ شەھىرىگە بېرىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، بۇ يەردە يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، بىز دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنى سىجىل ئىناق، مۇقىم قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەھەر، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر تىنچ - ئامان شەھەر بەرپا قىلدۇق؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىمىزنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، قۇرۇقلۇقتىكى چېگرا پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى تەستىقىغا ئېرىشتۇق. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىپ، شەھەرنى ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا تېخىمۇ باب كېلىدىغان قىلدۇق؛ ئېكولوگىيەلىك شەھەر قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى سىجىل ئەلالاشتۇردۇق؛ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق.

يالغان - ياۋىداق سۆز ھامان يالغان - ياۋىداق سۆز. پاكىت ۋە ھەقىقىي ئەھۋال ئالدىدا، يالغان - ياۋىداق سۆز ھامان يوشۇرۇنغۇدەك جاي تاپالماي ھالاك بولىدۇ. كۈنى ئاخىرلاشقان چۈپرەندە پومپېئو مۇقەررەر ھالدا تارىخنىڭ ئادىل سوتلىشىغا ئۇچرايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.