تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يالغان - ياۋىداق سۆز مىڭ قېتىم تەكرارلانسىمۇ يەنىلا يالغان - ياۋىداق سۆز

ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى ئىسكەندەر قېيۇم

پومپېئودىن ئىبارەت يالغانچىلىق، ئالدامچىلىق بىلەن سېسىق نامى پۇر كەتكەن بۇ ئامېرىكىلىق سىياسەتۋاز شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا قەستەن قارا چاپلىدى، ئۇنىڭ نومۇسسىز قىلمىشى خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوپاللىق بىلەن دەپسەندە قىلغانلىق، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىق، خاراكتېرى ئىنتايىن قەبىھ، غەرىزى ئىنتايىن رەزىل. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ قاتناشقۇچىسى، گۇۋاھچىسى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمەن، قاتتىق ئەيىبلەيمەن.

ئارا تۈرۈك ناھىيەسى ئۇدا ئون يىل يەرلىك ئاممىۋى مالىيە چىقىمىنىڭ %75ىنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتتى، پۈتۈن ناھىيەدىكى نامرات نوپۇس قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشى بېشى ساپ كىرىمى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى. بولۇپمۇ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، ئارا تۈرۈك ناھىيەسى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان نامرات ئوقۇغۇچىلارغا «ئۈچ كەچۈرۈم، بىر ياردەم» «ھەقسىز قۇياش نۇرى چۈشلۈك تامىقى» بېرىش قاتارلىق مائارىپقا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، خېسى، CT، بىيوخىمىيەلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالدى، دېھقان - چارۋىچىلارنى «قامچىسىنى تاشلاپ سېخقا كىرىش»كە يېتەكلىدى، يەنە 25 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ياشانغانلار ساناتورىيەسى (يېزىلاردىكى بەخت ھويلىسى)نى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ سالدى، بىر تۈركۈم كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، كەپە رايونلارنى ئۆزگەرتىش، خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى، بالىلار بېقىلىدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇش، ئاجىزلارنىڭ يار - يۆلىكى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ باي يېزىسى مۇقام ئوركېستىرى مۇقام سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىللە، كۆپ قېتىم تەكلىپ بويىچە بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئويۇن قويدى. ئارا تۈرۈك ناھىيەسى كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن مىللىي كەشتىچىلىك مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيە بويىچە كەشتىچىلىك كەسپى پىششىقلاش نۇقتىسىدىن تۆتنى قۇرۇپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمدە قوش مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشقا بولمايدۇ، يالغان - ياۋىداق سۆزنى مىڭ قېتىم تەكرارلىسىمۇ يەنىلا يالغان - ياۋىداق سۆز. بۇ يەردە مەن پومپېئونى رەسمىي يوسۇندا شۇنداق ئاگاھلاندۇرىمەنكى، سېنىڭ شىنجاڭغا قارا چاپلايدىغان بارلىق رەزىل قىلمىشلىرىڭ ھامان كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە قالىدۇ، سېنىڭ شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش سۇيىقەستىڭ ھامان تارىخنىڭ كۈلكە دەستىكىگە ئايلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.