تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات قاتارلىقلارغا قاراپ چىقتى

چېن چۈەنگو، ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلات، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى.

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، سۈن جىنلۇڭ، نەيىم ياسىن قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ جۈنجېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار سىن شەكلى ئارقىلىق پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قوللايمىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، مۇھىم، زور خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تۈرتكە بولۇش، ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى. خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا بولغان ساداسى ۋە ئارزۇسىغا زىچ يېقىنلىشىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قانۇن ئېھتىياجى ئەمەلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، قانۇن چىقىرىش ۋە قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ تۈرلۈك خىزمەتلەردە مەركەز ۋە چوڭ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ياخشى چۆرىدەپ، دۆلەت ۋە خەلققە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەندە، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە جەزمەن بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەرنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىش كېرەك.

ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى، خىزمەت تۈزۈمى، يىغىن تۈزۈمى ۋە خىزمەت تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە، پىرىنسىپ ۋە ئاساسىي قانۇن روھىغا ئۇيغۇن بولۇپ، جەزمەن خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ۋەكىللەر بىردەك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قوللىدى.

ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئائىت مەسىلىلەر توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي پىرىنسىپ ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىغان يادرولۇق مۇھىم ئامىللارنىڭ مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىنىڭ ئالاقىدار قوشۇمچە ھۆججەتلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھوقۇقى بەردى، بۇ، ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە ئاساسىي قانۇندىكى پىرىنسىپقا ئۇيغۇن، شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنىغا ئۇيغۇن بولۇپ، پۇختا سىياسىي ئاساس ۋە قانۇنچىللىق ئاساسىغا ئىگە. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»تا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، شياڭگاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە شياڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنى رامكىسى ئىچىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام تۈزۈمىنى شياڭگاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىي مەنپەئىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ سىياسىيغا كەڭ دائىرىدە، باراۋەر قاتنىشىشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قوللايمىز. 2020 - يىلى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشقا قانۇن بويىچە مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىدا بېكىتىلگەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەر بويىچە ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، قانۇن - نىزامغا توغرىلىنىپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قوللايمىز. ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك نازارەتچىلىكىدە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن ئېغىر زەربىنىڭ تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. سىستېما قارىشى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، ئاساسنى كۈچەيتىش يۆنىلىشىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى، ئاساسىي خىزمەت ۋە ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەپتىش خىزمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشى، كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن شى داگاڭ، پېڭ جيارۇي، غانىبات سابۇكەي، جۇ خەيلۇن، زۇمرەت ئوبۇل، مۇقىيات جارمۇقاممەت، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، دىلشات قىدىرقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.