تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقانلىقىنىڭ تۆت يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي

قار - مۇزلار ئېرىپ، دەل - دەرەخلەر كۆكىرىشكە باشلىغان پەسىلدە، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن باھار بىلەن كېلىشىۋالغاندەك ئۆز قەرەلىدە ئېچىلدى. ھەر قېتىم مۇشۇ چاغدا، دائىم بىر خىل ئىللىق ئېقىم قەلبىمىزگە تارىلىپ، بىزنى ئەسلەش ۋە ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ، بىزگە ئىشەنچ ۋە كۈچ بېغىشلايدۇ.

تۆت يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىپ، ھەر مىللەت ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭەشتى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ، پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كەلگۈسىنى پىلانلىدى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ھەر مىللەت ۋەكىللەر بۇنىڭدىن تولىمۇ ئىللىقلىق ھېس قىلدى ۋە روھلاندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما خۇشاللىققا چۆمۈپ، ئىشەنچى ھەسسىلەپ ئاشتى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يولى تېخىمۇ ئايدىڭلىشىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ كۈچەيدى.

تۆت يىل كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى، شىنجاڭ يېپيېڭى قىياپەتكە كىردى. «14 - بەش يىل» باشلانغان يىلدا تۇرۇپ قايتا ئەسلىسەك، ئاشۇ پەيتنىڭ چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ بەكرەك ھېس قىلالايمىز. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن، كۈچلەرنى توپلاپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئەمەلىي، جاپالىق ئىشلىدى، مۇقىملىقنى قوغداپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملىدى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ تىنچ - ئىناقلىققا، جۇشقۇنلۇققا تولۇپ، يېپيېڭى بىر سەھىپە ئاچتى.

سەمىمىي چوڭقۇر مۇھەببەت تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى ياشارتتى

ۋاقىت ئۇچقاندەك ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئالاھىدە ۋاقىت تۈگۈنىگە ئويۇلغان تارىخىي ئىزنالار ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ خۇددى تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېنىق ئەستە قالدى.

تۆت يىلنىڭ ئالدىدىكى ئاشۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان پەيتنى ئەسلىگىنىدە، ئىلگىرى نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭغا دوپپا تەقدىم قىلغان قەشقەر شەھىرى شامالباغ بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى رەيھانگۈل ئىمىر ھېلىھەم ھاياجانغا تولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىشى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە سەمىمىي غەمخورلۇق قىلغانلىقىدۇر. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى بىزنىڭ شىنجاڭنى ياخشى قوغداش، ياخشى گۈللەندۈرۈش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى».

باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراق ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ غېمىنى يەپ كەلدى.

قاراپ چىقىشقا قاتناشقان مەزگىلدە، باش شۇجى يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى، شىنجاڭدىكى خاس كەسىپلەر تەرەققىياتىنى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا سۈرۈشتۈردى، قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سالام ئېيتتى، ھەربىر سوئال، ھەربىر جاۋابىغا چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت سىڭگەن بولۇپ، ھەربىر ئېغىز سۆزى قەلبلەرنى ئىللىتتى. باش شۇجى مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەربىر سۆزىگە چوڭقۇر كۆيۈنۈش ھېسسىياتى سىڭگەنىدى، سەمىمىي ئۈمىدى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيتتى.

باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تاپشۇرۇقى ناھايىتى تېزلا تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارالدى، ھەر مىللەت ئامما بۇنىڭدىن روھلاندى. پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جىددىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا يېڭى كۈرەش يۆگىمە رەسىمىنى ئاچتى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ جان تىكىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەربىر بۇلۇڭ - پۇشقاققىچە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت باش نىشانغا قاراپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.

ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈزبەرمىدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى سىجىل كۈچەيدى... شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنگەن ئىش ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئۆزگىچە بولىدۇ، باسقان يولىمىزنى ئەسلىسەك، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراپ تۇرىدۇ، ئۇ بىزنىڭ كەلگەن يولىمىزنى يورۇتۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىزنى داۋاملىق يېتەكلەيدۇ.

تەرەققىيات قەدىمى تېخىمۇ مەزمۇت، كۈچلۈك بولدى

شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كەلگۈسى نەزەردە تۇتۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك پىلانلانغان چوڭ ۋەزىيەت. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ئۈچۈن بېكىتكەن بۇ باش نىشان شىنجاڭدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنىڭ مەنبەسى.

جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاش گۇمانلىنىشقا بولمايدىغان ئۆلچىگۈچ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، تېز تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئامما خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدى... بىر قاتار پۇختا، ئۈنۈملۈك بىرىكمە مۇشت ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلاندى.

جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلغانلىقى، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى.

تۆت يىلدىن بۇيان، مۇقىملىق پايدىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنىڭ تەرەققىيات قەدىمى سىجىل تېزلەشتى. ئالتاي تېغى ئېتىكىدىن پامىر ئېگىزلىكىگىچە، ئىلى دەريا بويلىرىدىن تۇرپان ئويمانلىقىغىچە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى شەھەر - يېزىلاردا ئەۋج ئېلىپ، ھەممە جايدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ بارلىققا كەلدى.

1 - كەسىپنىڭ سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، 2 - كەسىپتە مۇھىم نۇقتا تۇتۇلۇپ، 3 - كەسىپ زور تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزە ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلۈپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىدا جانلىق مېلودىيە ياڭرىتىلدى؛ ئۈنۈملۈك سېلىنما سىجىل كېڭەيتىلىپ، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، سۇچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇش تۈرلىرى بەس - بەستە يولغا قويۇلۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۇچقاندەك ئالغا ئىلگىرىلەپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى؛ سىجىل تۈردە ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئېچىۋېتىش كېڭەيتىلىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھات پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى؛ قۇم، سۇ زور كۈچ بىلەن تىزگىنلىنىپ، ئورمان، ئوتلاقلار قوغدىلىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى سىجىل ياخشى قىلىنىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشتەك يارقىن نام كارتىسى كۆزنى تېخىمۇ قاماشتۇردى.

بەزى كۆرۈنۈشلەر كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى جانلىق ئىزاھلاپ بەردى.

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى − ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى كۈندىن - كۈنگە ئاۋاتلىشىپ، 23 دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى؛

ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى − 2017 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى ئۇدا 100 مىليون ئادەم قېتىملىق، 150 مىليون ئادەم قېتىملىق، 200 مىليون ئادەم قېتىملىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى؛

خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش، زورايتىش تېزلىتىلدى − پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كۈنىگە 650 توننا نان ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئىچكىرى رايونلاردىكى 21 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرگە سېتىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا كىردى.

...

پۇختا قەدەم ئىزلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان گۇرۇپپا - گۇرۇپپا سانلار بەئەينى جاراڭلىق دۇمباق رىتىمىدەك شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك تومۇر سوقۇشىنى روشەن نامايان قىلدى، 25 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئاتلىنىش مەنزىرىسى تېخىمۇ قېنىق ئاساسىي رەڭگە كىردى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى دائىم پورەكلەپ ئېچىلدى

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرايلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيلى.» باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولدى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، ئۇ قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىغا سەمىمىي جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، چوڭقۇر مەنىلىك ۋە سەمىمىي سۆزى بىلەن ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ داۋاملىق قۇربان تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىللە، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

قۇربان تاغىنىڭ ئەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدى چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت بىلەن مۇنداق دېدى: «پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىمىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولىمىز!»

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ ئۇل تېشى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر بىلىپ، ھەرۋاقىت، ھەرجايدا ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى.

بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، چىن ھېسسىياتقا تولغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پويىزى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا توختىماي ئۆتۈشۈپ، يارقىن گۈزەل مەنزىرىگە ئايلاندى، ھەر مىللەت ئامما بېرىش - كېلىش قىلىپ، بىللە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. «ئاچا - سىڭىل گۈللەر» «قېرىنداشلىق مېھرى» «ئائىلە ئوپچە سۈرەت»... بۇ چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان سۆزلەردە كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان سان - ساناقسىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى سۆزلىنىپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئېقىۋاتقان قويۇق مېھىر - مۇھەببەتكە گۇۋاھ بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنىڭ تەسىرلىك كارتىنىسىغا ئايلاندى.

يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى» شىنجاڭ مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭ ئېنېرگىيە (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى ليۇ لىچۈن بىلەن پەيزاۋات ناھىيەسى ئۆدەكلىك يېزىسىنىڭ يېڭىمەھەللە كەنتىدىكى داناگۈل ياسىن ئاچا - سىڭىللار ئۆزلىرىنىڭ تۇغقانلىشىش ھېكايىسىنى بىرلىكتە بايان قىلىپ، چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلارنى تەسىرلەندۈردى. ئىككىيلەن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى قوشماقلىشىش ئارقىلىق تونۇشقانىدى، داناگۈل ليۇ لىچۈننىڭ ياردىمىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەنمۇ ئۇرۇق - تۇغقانلاردەك سەمىمىي دوستلۇق ئورناتتى. ليۇ لىچۈن مۇنداق دېدى: ئادەمنىڭ كۈچى قەلبتە بولىدۇ، ھەر مىللەت قەلبداش بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشى ئەڭ پۇختا ئاساسقا، ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە بولدى!

ئاپتونوم رايون مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كادىرلار، ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، خىزمىتى، ئۆگىنىشىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى، ھەر مىللەت بالىلار بىللە ئويناپ، بىللە ئوقۇپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلدى، ھەر مىللەت ئامما سېنىڭ، مېنىڭ دەپ ئايرىماي، ئورتاق كۈرەش قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، گۈللىرى تېخىمۇ چىرايلىق ئېچىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبى تېخىمۇ يېقىنلاشتى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» ئورتاق تونۇشى كۈچلۈك تەرەققىيات بىرىكمە كۈچى بولۇپ مۇجەسسەملىنىپ، قىپقىزىل ئانار ھەقىقىي تۈردە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدىغانلىقىنىڭ گۈزەل سىمۋولىغا ئايلاندى!

ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈردى

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەرۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ، «ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئامما دائىم غەم قىلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

تۆت يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھەميېنى تومپايدى، كاپالەت كۆپەيدى، تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلاندى.

«شەھەر - بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىڭ تۇتۇلۇپ، ئەمەلىي تۇتۇلۇپ، نەتىجە - ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولدى، پۇقرالار بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.>> كورلا شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ گۇاڭشۆ مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى، باش شۇجىنىڭ «ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك» دېگەن سەمىمىي تاپشۇرۇقى ھەقىقىي تۈردە جايىدا ئەمەلىيلەشتى.

ھەربىر ئەمەلىي ئىشتا خەلق تۇرمۇشى ھارارىتى كىشىلەر قەلبىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتتى. يېزىلاردىكى ئۈچ يىللىق ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى بويىچە يەسلىگە كىرىش يېشىغا يەتكەن 1 مىليون 170 مىڭدىن ئارتۇق بالىنىڭ يەسلىدە ھەقسىز ئوقۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %95تىن ئاشتى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپتا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %98تىن ئاشتى؛ ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش پۇقرالارنىڭ ئامانلىقى ۋە سالامەتلىكىنى قوغدىدى، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە داۋالاش سەۋىيەسى سىجىل ئۆسۈپ، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز قاتارلىق ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەل ۋە يەرلىك كېسەللەر ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش، داۋالاشقا ئېرىشتى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدا «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، 600 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىلىك ئامما نەپكە ئېرىشتى...

«بىر ئۆمۈر تەشنا بولغان تاتلىق سۇنى ئاخىر ئىچەلىدۇق.» 2020 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ جامباز يېزىسى يىپەكچى كەنتىدىكى 80 ياشلىق بوۋاي ھىمىت ھەسەن ناھايىتى خۇشال بولدى. جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شەھەر - يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك سۇ يەتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭدىكى بارلىق نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. قىيىن ئۆتكەللەرنىڭ كەينى - كەينىدىن بۆسۈپ ئۆتۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى 165 مىڭ 800 نامرات نوپۇس قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، ئون نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، پەۋقۇلئاددە مۇشەققەتلىك بولغان ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى تارىخىي خاراكتېرلىك تاماملىنىپ، 1000 يىلدىن بۇيان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، ياخشى تۇرمۇشقا ئاتلىنىش ئىشەنچى، ئىرادىسى زور دەرىجىدە كۈچەيدى، پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، تېخىمۇ گۈزەل ئىستىقبالغا قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.

بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزغا قايتا نەزەر سالساق، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى بىزنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى، قەدىمىمىز ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى، نەتىجىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك؛ يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغىنىمىزدا، بىز سەمىمىي ئۈمىدنى داۋاملىق ئەستە چىڭ ساقلاپ، روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ يۈرۈش قىلىمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.