تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى «ئىككى ئالىي مەھكىمە» خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يۈەن لېي، جاڭ يۈنمېي، چېن چياڭۋېينىڭ بېيجىڭغا ئۇلاپ بەرگەن خەۋىرى: 3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرى ھەرقايسى ساھە گۇرۇپپىلىرى بويىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى نۇرلان ئەبىلمەجىن گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

ئەزالار مۇنداق قارىدى: «ئىككى ئالىي مەھكىمە» خىزمەت دوكلاتىنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ئاددىي، چۈشىنىشلىك، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلگەن، مەزمۇنى مېغىزلىق، سانلىق مەلۇماتلار تەپسىلىي ۋە ئەمەلىي بولۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپتۇ، خىزمەتلەر ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەنگەن ئاساستا ئەسلەپ ئۆتۈلۈپتۇ، ۋەزىيەت چوڭقۇر، ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنىپتۇ، خىزمەتلەر ئەمەلىي، ئېنىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپتۇ، قانۇنچىللىق روھى نامايان قىلىنغان، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشقان، ئىسلاھات روھىغا تولغان ياخشى دوكلات بوپتۇ.

ئەزالار مۇنداق قارىدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نەتىجە - ئۈنۈمگە باي نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

ئەزالار مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىللىق «ئىككى ئالىي مەھكىمە»نىڭ خىزمەت دوكلاتىدا يارقىن نۇقتىلار كۆپ ئىكەن، بۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ: باشتىن - ئاخىر چوڭ ۋەزىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، دەل جايىدا ئۇدۇللىشىشىغا پائال تۈرتكە بولدى، بولۇپمۇ قانۇن بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، يۇقۇمغا چېتىشلىق قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويدى، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش»قا مۇلازىمەت قىلىدىغان قانۇن يۈرگۈزۈش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى سوت، تەپتىش سىستېمىسىنىڭ بۇرچ، مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى؛ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ غەم قىلىدىغان ئىشلىرى، باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرى، ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق خەلقنى ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلىدى، تېخىمۇ قەتئىي بولغان قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، تېخىمۇ تېز، قولاي بولغان دەۋا مۇلازىمىتى، تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

ئەزالار ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش» نىشانىنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، چوڭ ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزالىرىدىن پېڭ يۇڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، كۇڭ شىڭلۇڭ، غەيرەت ئۆمەر، مۇتەللىپ قاسىم، ماغاۋ سېيىتقامزا، ھۆرىگۈل جاپپار قاتارلىقلار مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.