خەلق تورى خەۋىرى: «دىققەتنى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەش» جۇڭگو ئاكسىيە ساھەسى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسىنىڭ باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، ئىگىلىنىشىچە، 80 پارچە مۇنەۋۋەر فوتو-سۈرەت ئەسىرى بۇ قېتىمقى فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسىگە تاللانغان.
«يېشىل باقمىچىلىق» (سۈن چى فوتوسى)، سۈرەتنى جۇڭگو ئاكسىيە ساھەسى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتى تەمىنلىگەن.
فاڭجوۋ كەنتى سېرىق يىلانبېلىق باقمىچىلىق بازىسىدا، نەچچە يۈز تور ساندۇق سۇ يۈزىگە رەتلىك ئېسىلغان بولۇپ، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاھالىلەر قېيىق ھەيدەپ، تور ساندۇقلاردىكى يىلانبېلىقلارغا يەم بەرمەكتە.
«گۈزەل زېمىن» (ياڭ كۈن فوتوسى)، سۈرەتنى جۇڭگو ئاكسىيە ساھەسى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش فوتو-سۈرەت كۆرگەزمىسى تەشكىلىي كومىتېتى تەمىنلىگەن.
يەنچېڭ شەھىرى دافېڭ رايونى سۇلۇق يەر ۋە ساھىلدىن پايدىلىنىپ، مەملىكەتتىكى ئەڭ چوڭ خېلەنخۇا گۈل دېڭىزىنى ئۆزگەرتىپ، يېزا-كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.