تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

1-شى 14-تۇەننىڭ پېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى ياڭ خۇڭمېي: كىمنىڭ قىيىنچىلىقى بولسا، مەن ياردەم قىلىمەن

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شۈ تۇڭتۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ لىڭلىڭ خەۋىرى): «ياڭ ھەدە، مەن بىر بوتۇلكا جياڭيۇ ئالاي دېگەنىدىم»، «بولىدۇ، كەينىدىكى جازىنىڭ ئاستىدا، سىز بېرىپ تاللاڭ!» 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، 1-شى 14-تۇەن سەيشاڭ مىڭجۇ مەھەللىسى ئەيشىن تاللا بازىرىدا، دۇكان ئىگىسى ياڭ خۇڭمېي خېرىدارلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

14-تۇەندە، بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ياڭ خۇڭمېينى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ياڭ خۇڭمېي دائىم مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم بولۇشتا ئەخلاقنى ئاساس قىلىش، تۆھپە قوشۇشتا ئالدىدا مېڭىش كېرەك». ئۇ باشتىن-ئاخىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى قەلبىگە پۈكتى.

2020-يىلى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ياڭ خۇڭمېي مەھەللە خىزمەتچىلىرى، پىدائىيلارنىڭ ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئۆيىگە قايتالمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەھەللىگە بېرىپ كۆپچىلىككە تاماق ئېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۆي قورۇمىلىرى، گۆش مانتىسى، شۈيجياۋ، قورۇغان مىفەن، لەڭمەن... ھەر كۈنى، ياڭ خۇڭمېي كۆپچىلىككە ھەرخىل تاماق ئېتىپ بېرىپ، ئىنچىكە بۆلۈپ قاچىلاپ، ۋاقتىدا مەھەللىگە يەتكۈزۈپ بەردى، ئۇنى بوران-چاپقۇن توسۇپ قالالمىدى. «ياڭ ھەدە ناھايىتى قىزغىن، بىز دەسلەپتە ئۇنى ئاۋارە بولماسلىققا دەۋەت قىلدۇق، ئۇ شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ تامىقىنى ئېتىپ بەك ھېرىپ كەتتى. بىراق ھەدەم بىزگە تاماق ئېتىپ بېرىشتە چىڭ تۇردى، ئۇ بۇنى پىشقەدەم پارتىيە ئەزاسى قىلىشقا تېگىشلىك ئىش دېدى» مەھەللە خىزمەتچىسى يۈ لەنشىن شۇنداق دېدى.

ياڭ خۇڭمېي كۆپچىلىككە تاماق ئېتىپ بېرىش مەقسىدىنى تەسىرلىك سۆزلەپ بەردى. ياڭ خۇڭمېينىڭ دادىسى ئىلگىرى يېڭى 4-ئارمىيەنىڭ جەڭچىسى بولۇپ، جەڭ مەيدانىدا خەلق ئاممىسى ئۇلارغا ئاشلىق يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئالدىنقى سەپتىكى جەڭچىلەرنى باتۇرانە كۈرەش قىلىش، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. «مەنمۇ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بۇ ئىس-تۈتەكسىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا تۆھپە قوشىمەن!» دېدى ياڭ خۇڭمېي ھاياجانلانغان ھالدا.

مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىنى ياخشى ئېتىپ بەرگەندىن باشقا، ياڭ خۇڭمېي يەنە سەيشاڭ مىڭجۇ مەھەللىسىگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۈچۈن 10 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى ھەم 14-تۇەننىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرى ۋە داۋالاش خادىملىرىغا بىر تۈركۈم تۇرمۇش بۇيۇملىرى تەقدىم قىلدى.

ياڭ خۇڭمېينىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىلگىرى ئۇنىڭغا ھەقىقىي ياردەم قىلغان كىشىلەردىن كەلگەن ئىكەن.

1997-يىلى، ياڭ خۇڭمېي ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى، بار پۇلىغا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋالاتتى. 8-ئايدا، كېۋەزدىن تېخى ھوسۇل ئېلىنمىغان چاغدا، قىزى ئوقۇش باشلاش ئالدىدا تۇرغاچقا، ئوقۇش پۇلى بىردىنلا غەمگە ئايلاندى. ياڭ خۇڭمېي قىزىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى غەملەش ئۈچۈن، ليەندۈيدىكىلەردىن قەرز سوراپ يۈرگەندە، قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى. سەھەر سائەت ئىككىدىن ئاشقاندا، ئۇ ئامالسىز ليەنجاڭنىڭ ئىشىكىنى چەكتى، ليەنجاڭ ئارتۇق گەپ قىلمايلا ياڭ خۇڭمېيگە 500 يۈەن بېرىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. «كۆز ياشلىرىم شۇ ھامان تۆكۈلدى» ياڭ خۇڭمېي ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «مەن ئادەمنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كىيىنكى ھېچقانداق يول تاپالمىغان ھېسسىياتىنى چۈشىنىمەن، شۇنىڭدىن كېيىن، مەيلى كىمنىڭ قىيىنچىلىقى بولسۇن، پەقەت مېنى ئىزدەپ كەلسىلا، مەن ياردەم قىلىمەن».

بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن ۋاڭ دۇڭسەينىڭ ئائىلىسىدە ئۈچ بالا بار بولۇپ، يەنە ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، بىر ئائىلىدىكى يەتتە كىشى چېگرادىكى سەيشاڭ مىڭجۇ ئولتۇراق رايونىنىڭ ئىجارە ئۆيىدە تۇراتتى. 2020-يىلى، ۋاڭ دۇڭسەي پىششىقلاش زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقاندا، بەختكە قارشى چىگىت ماشىنىسى بېسىۋېلىپ ئوڭ پۇتى سۇنۇپ كەتكەنىدى. ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋاڭ دۇڭسەي تۇرمۇشتا ئۈمىد قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

ياڭ خۇڭمېي بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆپ قېتىم ۋاڭ دۇڭسەينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ۋاڭ دۇڭسەيگە تەسەللى بېرىپ، ئۇنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى. ھازىرغا قەدەر، ياڭ خۇڭمېي ۋاڭ دۇڭسەينىڭ ئۆيىگە بېرىپ يوقلاپ تۇردى. «ياڭ ھەدىنىڭ بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ياردەم بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت، مەن ياڭ ھەدىگە ئوخشاش ئەتراپىمدىكى ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىمەن» دېدى ۋاڭ دۇڭسەي تەسىرلەنگەن ھالدا.

پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ياڭ خۇڭمېي سەيشاڭ مىڭجۇ ئولتۇراق رايونىدا ئەيشىن تاللا بازىرى ئاچتى، تاللا بازىرىدا ئادەتتىكى تاۋارلاردىن باشقا، يەنە بىر ئالاھىدە مال جازىسى بار بولۇپ، ئۈستىگە كىيىم-كېچەك، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى قويۇلغان بولۇپ، مەخسۇس مەھەللىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تەمىنلەيدۇ.

«بۇ ئەيشىن تاللا بازىرىنى ئېچىش، مۇلازىمەت قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا، پايدا ئېلىشنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇپ، لېي فېڭدىن ئۆگىنىپ، ياخشى ئىش قىلىپ، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ، ئاھالىلەرگە ھەر جەھەتتىن قولايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلدىم. بۇمۇ مەندەك بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئۆز رولۇمنى جارى قىلدۇرۇشۇمنىڭ بىر ئۇسۇلى» دېدى ياڭ خۇڭمېي كۈلۈپ تۇرۇپ.

ئولتۇراق رايوندىكى بالىلارنىڭ نەزەرىدىكى «تاتلىق موما»، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ قەلبىدىكى «ئىللىق قەلب ھەدە» ، ئاھالىلەرنىڭ ئاغزىدىكى «قىزغىن ياڭ ھەدە» ... ئەخلاقنى ئاساس قىلىپ، تۆھپە قوشۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، ياڭ خۇڭمېي باشتىن-ئاخىر ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق لېي فېڭ روھىنى شەرھلىدى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، ياڭ خۇڭمېي بىڭتۇەن ۋە شى، شەھەردىكى مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، ئىلغار ئىشلەپچىقارغۇچى، «8-مارت قىزىل بايراقدارى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى. يېقىندا، ئۇ يەنە «6-تۈركۈمدىكى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش بايراقدارى» بولۇپ باھالاندى.

«بۇنچە يۇقىرى شەرەپكە ئېرىشىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، مەن بەك ھاياجانلاندىم، بەك ھەيران قالدىم. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تۈرتكە بولىمەن، ھەممىمىز تىرىشىپ لېي فېڭ بولۇپ، لېي فېڭ روھىنى مەڭگۈ نۇرلاندۇرىمىز» دېدى ياڭ خۇڭمېي قەتئىيلىك بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى