تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«تەجرىبىخانىنى ئېچىۋېتىش كۈنى»، سىزنى مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈشكە ئاپىراي

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر رېن خۇا، جاۋ مىن فوتوسى، خەۋىرى): يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانداق تەكشۈرۈلىدۇ؟ قانداق ماتېرىيالدىكى كىيىم تېخىمۇ بىخەتەر؟ ئۈنچە-مەرۋايىت قاشتېشىنىڭ راست-يالغانلىقى قانداق باھالىنىدۇ؟

   3-ئاينىڭ 9-كۈنى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىنقى شەرتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى، ئاپتونوم رايونلۇق تالا سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش مەركىزى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش-باھالاش مەركىزىنى تەشكىللەپ، «بىخەتەرلىكنى قوغداپ، ئىستېمالنى راۋانلاشتۇرايلى» تېمىسىدىكى تەجرىبىخانىنى ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمالچىلار ۋەكىللىرىنى تەجرىبىخانىغا كىرىشكە تەكلىپ قىلدى، سۈپەت تەكشۈرۈش، ئۆلچەش جەريانىنى يېقىن ئارىلىقتىن ئىگىلەپ، مەھسۇلات سۈپىتى بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى پەرقلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتىنىڭ يېمەكلىك باشقارمىسىدىكى تېخنىكلار يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈشتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلماقتا.

   ئاپتونوم رايونلۇق مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تالا سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-ئۆلچەش مەركىزىدە، ئىستېمالچىلار تەجرىبىخانىدىكى تۈرلۈك ئالىي سۈپەتلىك ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئانالىز ئەسۋابلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، نەق مەيداندا ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى باھالاش بىلىملىرىنى ئىگىلىدى، يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەشنىڭ ئاساسىي تەرتىپىنى كۆردى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەكلەرنى تەكشۈرۈش تېخنىكىسى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى يەنىمۇ چۈشەندى.

ئاپتونوم رايونلۇق مەھسۇلات سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش تەتقىقات يۇرتى ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىت باشقارمىسىنىڭ دۆلەتلىك ئۈنچە-مەرۋايىت، قاشتېشى سۈپىتىنى تەكشۈرگۈچىسى ليۇ جياۋ ئىستېمالچىلار ۋەكىللىرىگە قاشتېشى بىلىملىرىنى چۈشەندۈرمەكتە.

    «نەق مەيداننى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلاپ، ئۈنچە-مەرۋايىت، قاشتېشىغا بولغان بىلىمىم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئۈنچە-مەرۋايىت، قاشتېشىنى باھالاش ئىقتىدارىم ئۆستى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇم.» ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىستېمالچىلار ۋەكىلى لى شىڭچى شۇنداق دېدى.

   ئىگىلىنىشىچە، «3.15» ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى «3.15» تەشۋىقات، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان، 12315 ئەرز قىلىش، پاش قىلىش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئاممىغا ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى، تەجرىبىخانىنى ئېچىۋېتىش كۈنى پائالىيىتى، كارخانىلارغا، مەھەللىلەرگە كىرىپ تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، مەھسۇلات سۈپەت بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپەت بىخەتەرلىكىنى پەرقلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىستېمال ھوقۇقىنى قوغداش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى