تىيانشان تورى خەۋىرى (ياڭ شۇخەن): 3-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭدىكى تۇنجى كەسپىي ساغلاملىق جەمئىيىتى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا قۇرۇلدى. بۇ جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ كەسپىي ساغلاملىق ساھەسىنى باشقۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ساھەنىڭ تىجارەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ساھەنىڭ تەلەپچانلىق مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھەنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ، كەسپىي ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.
نۆۋەتتە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ كەسپىي ساغلاملىق مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كەسپىي ساغلاملىق ساھەسىدىكى ئاپپاراتلار ۋە قوشۇن ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە. كەسپىي ساغلاملىق جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى كەسپىي ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى نەتىجە، يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كەسپىي ساغلاملىق مۇداپىئەسى، كەسپىي ساغلاملىق تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسپىي ساغلاملىق مۇھىم مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، ساھە ۋە كارخانىلارغا كەسپىي ساغلاملىق پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىق، شۇنىڭدەك كەسپىي ساغلاملىق تەربىيەسى بويىچە تەربىيەلەش ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى كەسىپ خەتىرى بىلىملىرى، كەسىپ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.