تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ يىل شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىغا 6 مىليارد 311 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پىلانلىدى

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى خوتەن توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارماقتا.

جېن لىمىن فوتوسى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چېن چياڭۋېي خەۋىرى): دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە: بۇ يىل شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى 6 مىليارد 311 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزىلارنىڭ توك ئىشلىتىش ئەسلىھەلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشنى پىلانلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز خامچوتىدىن 1 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن.

   بۇ يىل، يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە 3167 دانە 110 كىلوۋولتلۇق ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۈرلەر يولغا قويۇلۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ساھەسىدىكى توك ئىشلىتىشتىكى گەۋدىلىك يېتەرسىزلىكلەر نۇقتىلىق تولۇقلىنىپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن يۈكلۈك توك بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئېلېكتىرلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

   دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى تەرەققىيات-پىلان بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ئىقتىسادچىسى مېڭ شيەنجېننىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، يېزا رايونلىرى زور تۈركۈمدىكى كەنت قۇرغان زاۋۇت، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق توك ئىشلىتىش سۇبيېكتلىرىنى كۈتۈۋالغان، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش دەرىجىسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆسكەن، بۇ يېزا رايونلىرىنىڭ توك ئىشلىتىش كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يېزا ئېلېكتىر تورىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يەرلىكنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش زۆرۈر بولغان.

   «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىغا 31 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، 748 كىچىك بازار (مەركىزىي كەنت)نىڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە 992 تەبىئىي كەنتكە توك يەتكۈزۈش تاماملاندى. يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورى لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 100 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، يېزا ئائىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تەقسىملەپ بېرىلگەن سىغىمى 2.2 كىلوۋولت ئامپىرغا يېتىپ، مەملىكىتىمىز ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتتى، شىنجاڭدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ «توك ئىشلىتىش»تىن «توكنى ياخشى ئىشلىتىش»كە ئۆزگىرىشى ئىشقا ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى