ئاپتور: چېن شياۋچۇەن، شۆھرەت چوڭاخۇن
باش باھاردا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرى خوۋتەن سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ ئاسمىنى كۆك، سۈيى سۈزۈك بولۇپ، مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل ئىدى. خوۋتەن سۇلۇق يېرى غۇلجا شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ سۇ مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، سۇ رايونى كۆلىمى 11.41 گېكتار، سۇلۇق يەر كۆلىمى 5.36 گېكتار، يېشىللىق كۆلىمى 18.09 گېكتار كېلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غۇلجا شەھىرى سۇلۇق يەرگە ئېكولوگىيەلىك سۇ ئىشلىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى لايىھەسىنى تۈزۈپ، خوۋتەن سۇلۇق يەر باغچىسىنى قۇرۇپ، خوۋتەن سۇلۇق يېرى ۋە ئەتراپتىكى گېئولوگىيەلىك ئاپەت رايونىنى قوغداش خاراكتېرلىك ئۆزگەرتىپ، سۇ مەنبەسىنى قوغداپ، سۇ يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلىدى. نۆۋەتتە، خوۋتەن سۇلۇق يەر باغچىسىدا بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش ئالغا سىلجىتىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن شەھەر ئاھالىلىرىگە ئېچىۋېتىلدى.
ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: غۇلجا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى