بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (گاۋ دى خەۋىرى، فوتوسى): 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، 12-شى 104- تۇەن شىچېڭ جەنۇبىي مەھەللىسى ياشانغانلار خىزمىتى كومىتېتى خەلق مۇزىكا ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى رېپېتىتسىيە قىلماقتا. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، خەلق مۇزىكا ئۆمىكىدىكى ئارتىسلار ۋە مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى 104-تۇەننىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىدە ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى رېپېتىتسىيە قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى.