تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە بالدۇر تۇتۇش قىلىش

بىڭتۇەن گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار جيا مېڭبو، لى نيەنچېن، ليۇ جۈن، پاڭ تىڭفاڭ خەۋىرى): بالدۇر تۇتۇش قىلىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، تېرىقچىلىق پەيتىنى قولدىن بەرمەسلىك. چاغاندىن كېيىن، ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن-چاڭلار كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا كاپالەتلىك قىلىش، ئېتىز-ئېرىق تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ياخشى ئاساس سالدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، 14-شى قۇرۇمقاش شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش، ئاسراش، سۇ باشلاپ سۇ ساقلاش، سۇ ئىشلىتىشنى تەڭشەش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى تۇەن-چاڭلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئىشلىتىدىغان سۇ ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

سۇغىرىش رايونلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، رېمونت قىلىش، ئاسراش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش. 14-شى قۇرۇمقاش شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسى شى شەھىرىدىكى توققۇز سۇ ئامبىرىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق چارلاپ تەكشۈردى؛ ھەرقايسى سۇغىرىش رايونلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتلىرى ئۆستەڭدىكى لاي-لاتقىلارنى تازىلاش، قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش، ئاسراشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، 64 كىلومېتىر ئۆستەڭنىڭ لاي-لاتقىلىرىنى تازىلاش، 12 كىلومېتىر ئۆستەڭنى رېمونت قىلىش، ئاسراش، 540 مىڭ كۇب مېتىر قۇم كۆلچىكىدىكى لاتقىلارنى تازىلاشنى تاماملىدى.

سۇنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى بىرىنچى جەڭنى ياخشى قىلىشقا ياردەم بېرىش. بۇ شى شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسى ھەر قايسى تۇەن-چاڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، سۇغىرىش رايونىنىڭ سۇ ئىشلىتىش تەڭشەش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك سۇغىرىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. سۇغىرىش رايونلىرىدا 15 مىليون 630 مىڭ كۇب مېتر، 440 مىڭ مو يەرنى سۇغىرىش پىلانلاندى.

2-ئاينىڭ 26-كۈنى، 4-شى 79-تۇەن 5-ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى گو فېڭنىڭ بۇغدايلىقىدا، ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئەزالىرى ۋە كۈزگى بۇغداي تېرىغان 20 نەچچە ئائىلىلىك ئىشچى-خىزمەتچى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنىڭ كۈزگى بۇغداينىڭ ئەتىيازلىق پەرۋىش بىلىملىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتاتتى.

تېمپىراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، كۈزگى بۇغداي كۆكىرىشكە باشلىدى، بۇ دەل ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىش، مايسا ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مول ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى پۇختىلاشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى. «ھازىر تۇپراق قەۋىتىنى ئېچىپ تەھلىل قىلىپ باقايلى، تۇپراق نەم، بۇغداينىڭ نەملىك ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى، شۇڭا ۋاقتىدا تازىلاپ، يەرنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك» 79-تۇەن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى خەن جۈنۋېن شۇنداق دېدى.

«يەنە ئىلگىرىكى تەجرىبىلەرگە تايىنىپ تېرىقچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ، پەقەت ئىلمىي باشقۇرغاندىلا، ئاندىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ» ئىشچى-خىزمەتچى شۈ جۈنخۇي شۇنداق دېدى.

 ھازىر 10-شى 182-تۇەننىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى ئارقا-ئارقىدىن باشلاندى، بۇ تۇەن بالدۇر پىلانلاپ، بالدۇر ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كېرەكلىك تۈرلۈك ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەش ۋە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى بالدۇر ياخشى ئىشلىدى، نۆۋەتتە پۈتۈن تۇەننىڭ دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى زاپىسى يېتەرلىك بولدى.

ليەندۈيدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ لاياقەتلىك، خاتىرجەم يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 182-تۇەن دېھقانچىلىق تارماقلىرى دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى تىجارىتى دۇكانلىرىنى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تېرىقچىلىق ئادىتىگە ئاساسەن، دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى بالدۇر يېتەرلىك تەييارلاپ، دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىش جەھەتتە ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشكە پائال يېتەكلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، مال كىرگۈزۈش مەنبەسىدىن سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ساختا، ناچار دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنىڭ تىجارەت تور نۇقتىلىرىغا كىرىشىنى توسۇپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى خاتىرجەم ئىشلىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

182-تۇەننىڭ ھەرقايسى ليەندۈيلىرى ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنى ئېچىش، تەشۋىقات ماتېرىيالى تارقىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئىناۋىتى ياخشى سودىگەرلەر ۋە سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان مەھسۇلاتلارنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا تەۋسىيە قىلدى ھەم ليەندۈي ۋېيشىن توپى قاتارلىقلار ئارقىلىق ليەندۈيدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ توردىن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى سېتىۋېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ليەندۈيدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ ياخشى «مۇلازىمەتچىسى» بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلى، باھا ئۆتكىلىنى مەنبەدىن ياخشى ئىگىلەپ، دېھقانلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلاندى.

ھازىرغا قەدەر، 182-تۇەن 4679 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت، 144.7 توننا سۇلياۋ يوپۇق، 91.56 توننا ھەر خىل ئۇرۇقنى زاپاس ساقلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى