3-ئاينىڭ 4-كۈنى، دۇڭلىن بازىرى مەھەللە مائارىپ مەركىزىدە، مۇئەللىم يىپەك ياغلىق چىگىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرى ۋۇشىڭ رايونى دۇڭلىن بازىرى 8-مارت خانىم-قىزلار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش «گۈزەللىك بىلەن ئۇچرىشىش» باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن 80 نەچچە ئايال بىر يەرگە جەم بولۇپ، خەتتاتلىق، گۈل تىزىش، كىيىم-كېچەكلەرنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىپ، ئىشتىن سىرتقى قىزىقىشىنى بېيىتىپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ھېس قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ يۈ فوتوسى
3-ئاينىڭ 4-كۈنى، دۇڭلىن بازىرى مەھەللە مائارىپ مەركىزىدە، مۇئەللىم گۈل تىزىش ھۈنىرىنى ئۆگەتمەكتە.