تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى لاچىن بايەكەگە «دەۋر نەمۇنىچىسى» دەپ تولۇقلاپ نام بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلگەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىۋاتقان، يېڭى سەپەرگە ئاتلانغان پەيتتە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى پۈتۈن جەمئىيەتكە يولداش لاچىن بايەكەنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭغا «دەۋر نەمۇنىچىسى» دەپ تولۇقلاپ نام بەردى.

لاچىن بايەكە، ئەر، تاجىك مىللىتىدىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى، 1979 - يىلى تۇغۇلغان، 2001 - يىلى ھەربىي سەپكە قاتناشقان، 2003 - يىلى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە قىسمىدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن چارلاش يېتەكچىسى بولغان، ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسى تىزناپ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، چېگرا قوغدىغۇچى بولغان. 2018 - يىلى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان. 2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، قەشقەر داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، كاچكۇلغا چۈشۈپ كەتكەن ئۆسمۈرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، بەختكە قارشى 41 يېشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.

لاچىن بايەكە ئائىلىسىدىكى ئۈچ ئەۋلادنىڭ ھەممىسى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، ئۇ بوۋىسى، دادىسىدىن چارلاش يول باشلىغۇچىسىلىق كۈچ ئۇلاش تايىقىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، مۇقەددەس دۆلەت زېمىنىنى مۇھاپىزەت قىلغان، ۋەتەننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىغان، كۆپ قېتىم ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي چارلاش جەڭچىلىرىنى قۇتقۇزۇپ، پامىر ئېگىزلىكىدىكى چېگرا مۇداپىئە بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرغان، بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ 70 يىلدىن بۇيان چېگرانى ساقلاش، چېگرانى قوغداشتەك ۋەتەننى سۆيۈش، ئۆزىنى بېغىشلاش باتۇرانە ھەرىكىتى شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىغا تارقىلىپ، سانسىزلىغان ئارمىيە، خەلقنى تەسىرلەندۈرگەن. 2018 - يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ئۇ مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، سادىقلىق بىلەن خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پائال تۆھپە قوشقان. كۆپ قېتىم شەرەپ بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر چېگرا قوغدىغۇچى، ئەخلاق نەمۇنىچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى يەككە شەخس شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن، 2020 - يىلى «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» نامى بېرىلگەن، شۇ يىلى 10 - ئايدا «مەملىكەت بويىچە ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىچى» بولۇپ تەقدىرلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان.

لاچىن بايەكەنىڭ قەھرىمانلىق ھەرىكىتى ۋە ئىلغار ئىش ئىزلىرى كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتۈن جەمئىيەتتە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كەڭ كادىرلار، ئامما بولۇپمۇ چېگرا رايون، مىللىي رايونلاردىكى كادىرلار، ئامما ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: لاچىن بايەكە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ سادىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ قەتئىي تۈرتكە بولغۇچىسى، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاشتىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۈلگىسى، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ سادىقلىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاشتىكى ئاۋانگارت نەمۇنىچىسى، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىدىغان، چېگرانى چارلايدىغان، چېگرانى قوغدايدىغان «پامىر بۈركۈتى». كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: «دەۋر نەمۇنىچىسى»نى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىپ جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز.

«دەۋر نەمۇنىچىسى»نى ئېلان قىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ يولداش لاچىن بايەكەگە <دەۋر نەمۇنىچىسى> دېگەن نامنى تولۇقلاپ بېرىش توغرىسىدىكى قارارى» ئوقۇپ ئۆتۈلدى، ئۇنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىسقا فىلىم قويۇلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىدىكى مەسئۇل يولداش يولداش لاچىن بايەكەنىڭ تۇغقىنىغا «دەۋر نەمۇنىچىسى» مېدالى ۋە گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ۋە شىنجاڭدىكى يەرلىك كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى ئېلان قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.