تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ باغراش كۆلى 112 كۈنلۈك بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش مەزگىلىگە كىردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلار گو يۈشۇن، دۇغۇرجاپ، خۇ شىچى خەۋەر قىلىدۇ): 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ باغراش كۆلى 112 كۈنلۈك بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش ھەرىكىتى مەزگىلىگە كىرىپ، كۆلنىڭ بېلىقچىلىق ئېكولوگىيەسىنى قوغدايدۇ.

  ئەتىياز پەسلى بېلىقلارنىڭ كۆپىيىش مەزگىلى بولۇپ، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، باغراش كۆلىدىكى مۇزلار ئېرىپ، كۆلدىكى كارپ بېلىقى، ئوتخور بېلىق، چىپار سۇختا بېلىق، لاققا بېلىق قاتارلىق ئاساسلىق ئىقتىسادىي بېلىق تۈرلىرى تېيىز يەردە كۆپىيىدۇ. باغراش كۆلىدە ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بېلىق تۇتۇش چەكلىنىپ، شۇ جايدىكى بېلىقچىلار بېلىقلارنىڭ تۇخۇملاش، تۇخۇمدىن چىقىش مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، بېلىقچىلىق كەسپىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  بۇ ئىككى كۈندە، باغراش كۆلىدىكى بېلىقچىلار تورنى يىغىپ رەتلەش خىزمىتىنى ئىشلىدى. بېلىقچى سى يۈشېڭ قىرغاقتا بېلىق تورىنى ياماپ، تور يېيىش خادىسى ياساۋاتاتتى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ  بۇ سايمانلىرى 112 كۈنلۈك «دەم ئېلىش مەزگىلى»نى كۈتۈۋالىدۇ.

  «ھازىر بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن مەزگىل يېتىپ كەلدى، بىز تورنى يىغىۋېلىپ، ئۇنى ياماپ، يېڭىدىن تور ياساپ، كۆل ئېچىلىپ بېلىق تۇتۇشقا تەييارلىق قىلىمىز، بېلىق تۇتۇشنى چەكلەشنىڭ بىز بېلىقچىلارغا پايدىسى زور، بېلىقلار توپلىشىپ ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ، كۆل ئېچىلغاندىن كېيىن بىز تېخىمۇ ياخشى ھوسۇل ئالالايمىز» دېدى سى يۈشېڭ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن مەزگىلدىكى مەخسۇس تۈزەش، سۈنئىي كۆپەيتىپ سۇغا قويۇپ بېرىش، بېلىقچىلىق قانۇن-نىزام تەشۋىقاتى قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، باغراش كۆلىنىڭ بېلىقچىلىق بايلىقىنى ئۈنۈملۈك قوغدىدى. ئىگىلىنىشىچە، 2020-يىلى باغراش ناھىيەسىدىكى تۈرلۈك بېلىق مەھسۇلات مىقدارى 4000 توننىدىن ئېشىپ، بېلىقچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 50 مىليون يۈەندىن ئاشقان. بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بېلىقچىلىق بايلىقىنى تەڭشەپ، سىجىل تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش بىلەن بىللە، يەنە بېلىقچىلارنىڭ كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى