تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالپاقنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.» مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىزنىڭ مەغرۇرلىنىپ ئۆز - ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىشكە، بوشىشىپ توختاپ قېلىشقا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق، جەزمەن ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك»، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تولۇق قوراللىنىپ جەڭگە ئاتلىنىشقا، باتۇرلۇق بىلەن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك، بۇ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يۆتكىلىشى. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئاتلىنىدىغان تارىخىي ئۆتكەلدە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىش چوڭ ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور مەسىلە. بىر تەرەپتىن، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، نەتىجە - ئۈنۈمنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىشىمىز كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، يېزا - كەنتلەردىكى كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات قاتارلىقلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ۋەزىپە، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى، قىيىنلىق دەرىجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، سىياسەت سىستېمىسى، خىزمەت سىستېمىسى، تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر بىلەن تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچ توپلاپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي - باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئورتاق بېيىش سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق تەقەززاسى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسى پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا مەزمۇت چوڭ قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. لېكىن شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈش كېرەككى، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، شەھەر - يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك «ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز جەزمەن ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ پائال نەتىجە يارىتىدىغان تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىشىمىز كېرەك.» ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئورنىغا قويۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتۈن خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن ئورتاق بېيىشتا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

يول ئۇزۇن، كۈرەش داۋاملىشىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈرەش تارىخى، يېڭى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيلىك تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز جەزمەن شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بۇ پەقەت بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە ئاتلىنىشىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم، بىز مەغرۇرلىنىپ ئۆز - ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ قالساق، بىر ئىزدا توختاپ قالساق قەتئىي بولمايدۇ. بۇ يىل بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەيمىز، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزىمىز ۋە يولغا قويىمىز، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلايمىز. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، يەنە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقىچە بولغان جەريان يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تارىخىي چوڭ ۋەزىيەت، بۇ بىزنىڭ شەرەپلىك بۇرچىمىز ۋە مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىمىز. تاغ ھەر قانچە ئېگىز بولسىمۇ، يۇقىرىغا ياماشساقلا، ھامان چوققىسىغا چىقالايمىز؛ يول ھەرقانچە ئۇزۇن بولسىمۇ، ماڭساقلا چوقۇم مەنزىلگە يېتەلەيمىز. داۋاملىق كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، مەغرۇرلۇق، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، داۋاملىق جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىسەكلا، بىز چوقۇم ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

«سۇمۇرغ ئۇچار ھامان بىر كۈن شوخ شامالغا جور بولۇپ، پەرۋاز قىلار ئاسماندا ھەيۋەت بىلەن قانات قېقىپ.» ئۆتكەننى ئەسلىسەك، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۇلۇغ تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈردۇق، ئىنسانلارنىڭ نامراتلار سانىنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزىلەر ياراتتۇق. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزە بىزنىڭ تىرىشىپ يارىتىشىمىزغا موھتاج، يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى بىز چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيمىز. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.