تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

نىڭدې شەھىرى شىنجاڭ قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ خەلقنى بېيىتىدىغان كەسىپ زەنجىرىنى زورايتىشىغا ياردەم بەردى

  نىڭدې قۇتۇبى ناھىيەسىگە ياردەم بېرىشتە «كۈچلەندۈرۈش»كە ئەھمىيەت بەردى

  كەسىپ زەنجىرىنى زورايتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇلدى

  «بىز ئۆز خىزمەت ئەۋزەللىكىمىز ۋە قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئىشنى <ئۇزارتىش زەنجىرى>، <تولۇقلاش زەنجىرى> ۋە <كۈچەيتىش زەنجىرى>دىن باشلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مەزمۇن، ئەمەلىي ئۈنۈم بولۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى زورايتىشىغا تۈرتكە بولىمىز» دېدى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش شۆبە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى يۈ ياڭ.

  ھازىر، قۇتۇبى ناھىيەسى تاشپەلەمپەي قازاق يېزىسى بەيياڭخې كەنتىدىكى تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى ئاق لىباسقا پۈركەندى. ھاۋارايى سەۋەبىدىن، بۇ يەرنىڭ ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىدە ۋاقتىنچە ئىش توختىتىلدى. يۈ ياڭنىڭ قارىشىچە، ئۆزگەرتىش تاماملانغاندىن كېيىنكى تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى شۇ جاينىڭ ساياھەت كەسپىدىكى داكا قىلىدىغان يېڭى جايغا ئايلىنىدىكەن.

ساياھەتچىلەر سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى تاشپەلەمپەي قازاق يېزىسى بەيياڭخې كەنتىدىكى تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىدا چېچەك سەيلىسى قىلىپ سۈرەتكە چۈشتى (2020-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). (تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى)

  قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، لېكىن يەنىلا ئۇل ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە موھتاج. بۇلتۇر، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ قوللىشى بىلەن، تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلاندى. يۈ ياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلقى ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىدە، ساياھەتچىلەر تىيانشان گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونىدا مىڭ مو گۈل دېڭىزىنى تاماشا قىلىپ، خاس مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگەلەيدۇ، ياۋايى ھايۋانلارنى تاماشا قىلالايدۇ، قازاق مىللىتىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلالايدۇ.

  قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ چارۋىچىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى نۇقتىلىق ھالدا «تولۇقلاش زەنجىرى»گە كۈچ سەرپ قىلدى. بۇلتۇر 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش شۆبە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى ئارقىلىق، شىنجاڭ ئاۋنوڭ بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ لۇلىڭ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى قۇرغان يىلىغا 150 مىڭ تۇياق قوتاندىن چىقىرىلىدىغان تىرىك چوشقا باقمىچىلىق تۈرى شۇ جايغا ماكانلاشتى. بۇ تۈرگە جەمئىي 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئۈچ يىلغا بۆلۈپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ شەنمۇ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شۇ جايدا 10 مىڭ تۇياق گۆش كالىسى كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق مەيدانى قۇردى؛ قۇتۇبى ناھىيەلىك مىنفۇ يېمەكلىك زەمبۇرۇغى تېرىقچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يىلدا 900 مىڭ خالتا چاي دەرىخى موگوسى تېرىشنى پىلانلىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ تۈرلەر پۈتكەندىن كېيىن، شۇ جايدىكى مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 5000 يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

  «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى