تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچتە پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پولشا ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى چوڭ دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى مۇھىم ئەزا دۆلەت، شۇنداقلا جۇڭگو تەرەپنىڭ ياۋروپادىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - پولشا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو بىلەن پولشا ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ياخشى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو - پولشا ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرخىل خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. جۇڭگو تەرەپ پولشا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - پولشا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى بىر يىلدا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ پولشا تەرەپ بىلەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىنى داۋاملىق ئالماشتۇرۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە خادىملارنىڭ بېرىپ - كېلىشىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ پولشا تەرەپنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، قۇربى يەتكەن دائىرە ئىچىدە پولشا تەرەپنى ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. يۇقۇم مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن پولشا ئارىسىدا قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش مىقدارى ۋە يۈك توشۇش مىقدارىدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، جۇڭگو - پولشا، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى تەمىنلەش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۈكسەك بىر - بىرىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى، شۇنداقلا، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنىڭ غايەت زورلۇقىنى ئىپادىلەپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق رامكىسى ئىچىدىكى ئالاقىدار مېخانىزملارنى ئورنىتىش ئارقىلىق، پولشانىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تاماملاپ، جۇڭگو - پولشا ھەمكارلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ئېچىپ بېرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىندا، جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى سىنلىق باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، مەن سىز ۋە باشقا ھەرقايسى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن جۇڭگو - ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك قايتا ئەسلەپ، تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەپ، تەرەققىيات كەلگۈسىگە ئورتاق نەزەر سېلىپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ھەمكارلىق مېخانىزمى ئۈچۈن مۇھىم يىرىك پىلان چىقاردۇق ۋە يېتەكچىلىك قىلدۇق. جۇڭگو تەرەپ پولشا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو - ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەتىجىگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

دۇدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2016 - يىلى پولشاغا قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى پولشا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. يېقىندا، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى − جۇڭگو رەھبەرلىرى سىنلىق باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، بۇ، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا كۈچ قوشۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. پولشا تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىنى يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا ۋەدە بەرگەنلىكى ھەم ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. بۇ، جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. پولشا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى خادىملار ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ساقلاپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ تەڭپۇڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پولشا تەرەپ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا داۋاملىق تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. مەن يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قويۇق دوستانە ئالاقىنى ساقلاپ، پولشا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچتە تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇردىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ تارقالغان ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو - تاجىكىستان ئىككى دۆلەت خەلقلىرى جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىسى مول بولدى، بولۇپمۇ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قوللاپ، جۇڭگو - تاجىكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىغانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، تاجىكىستان تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى تاجىكىستاننىڭ «2030 - يىلىدىن ئىلگىرىكى دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى» بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدە ئالغا سىلجىتىشى جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش، يېزا ئىگىلىكى، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا ئالدىن تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپنىڭ بازار ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپنى ۋاكسىنا ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، تاجىكىستان تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

راخمان رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغىنىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى، جۇڭگونىڭ يېڭى بىر يىلدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. راخمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ جاپالىق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو نامراتلار سانىنى ئازايتىش ساھەسىدە تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تاجىكىستان تەرەپ بۇنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. تاجىكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تاجىكىستاننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قىممەتلىك مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. تاجىكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، داۋاملىق ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق روھى بويىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد - سودا، خەۋپسىزلىك، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇن قوشۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. تاجىكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، بىر نۆۋەتلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.