تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگوچە نامراتلار سانىنى ئازايتىش يولى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەزەرىيە جەۋھىرى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«بىز مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، نامراتلار سانىنى ئازايتىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، بىر قاتار ئادەتتىن تاشقىرى سىياسەت، تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك سىياسەت سىستېمىسى، خىزمەت سىستېمىسى، تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلدۇق، جۇڭگوچە نامراتلار سانىنى ئازايتىش يولىنى ئاچتۇق، جۇڭگوچە نامراتلىققا قارشى تۇرۇش نەزەرىيەسىنى شەكىللەندۈردۇق.» مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن مۇھىم تەجرىبىلىرىمىز ۋە تونۇشلىرىمىزنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، بۇ مۇھىم تەجرىبىلەر ۋە تونۇشلار دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەزەرىيە جەۋھىرى، ماركسىزمنىڭ نامراتلىققا قارشى تۇرۇش نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

نامراتلىق ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى جاھىل كېسەل. نامراتلىققا قارشى تۇرۇش باشتىن - ئاخىر قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەت ئەللەرگىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى بىر چوڭ ئىش بولۇپ كەلگەن. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 98 مىليون 990 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، 128 مىڭ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قاتارىدىن چېكىنىپ چىقتى، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق ھەل قىلىنىپ، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشتەك مۈشكۈل ۋەزىپە تاماملاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىگە تاياندۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روھىي پەزىلىتىگە تاياندۇق، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان توپلانغان پۇختا ماددىي ئاساسقا تاياندۇق، نۆۋەتمۇنۆۋەت ئىشلەيدىغان قەتئىيلىككە، چىڭ تۇرۇشقا تاياندۇق، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تاياندۇق.» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى كۈچلۈك نامايان قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن «قابىل» ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «يارايدۇ»غانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «ياخشى» ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدا شەكىللەندۈرگەن مۇھىم تەجرىبىلىرىمىز ۋە تونۇشلىرىمىزنى «يەتتىدە چىڭ تۇرۇش»قا يىغىنچاقلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي ۋە تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدۇق؛ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئورتاق بېيىش يولىدا ماڭدۇق؛ دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئورتاق ئىرادە، ئورتاق ھەرىكەتنى شەكىللەندۈردۇق؛ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات چارىسى ئارقىلىق نامراتلىق مەنبەسىنى تۈگەتتۇق؛ كەڭ نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتۇق؛ بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان گۈزەل ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەت خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ نامراتلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان قويۇق كەيپىيات ياراتتۇق؛ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، قىيىنىغا تېگىشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇ «يەتتىدە چىڭ تۇرۇش»نىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى مۇھىم، زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بەردى، ئۇ، دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى مۇھىم، زور نەزەرىيەۋى يېتەكچى بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان ئىشلارنى ئەسلەپ، پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەچچە يۈز مىليون كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرالىغان ئەمەس. بۇ بىر مەيدان داغدۇغىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خەلق ئۇرۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسى، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، بارلىق خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، يېڭى دەۋردە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش ئىشەنچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. مەۋقەنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتا، پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي چىڭ تۇرساقلا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەرقانداق جاپا - مۇشەققەت ۋە خەتەر - توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرالايمىز! بىز خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىشلارنى بىر - بىرىگە ئۇلاپ بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلىسەكلا، چوقۇم ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولالايمىز! بىز پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي ماڭساقلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ چوڭ ئىش، قىيىن ئىشلارنى بېجىرىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ماڭالايمىز! بىز دەل جايىدا بولغان ئىلمىي ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا بولغان خىزمەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى تەرەققىيات چارىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرساقلا، چوقۇم ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلمىي يول ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز! بىز باشتىن - ئاخىر خەلقنى كۆزلەش، خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنى ۋە باش ئىجادىيەتچىلىك روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى تولۇق ئۇرغۇتساقلا، چوقۇم كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۆجىزىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتالايمىز! بىز ئەخلاق ئىنتىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش، ياخشىلىققا ئىنتىلىش ئاكتىپ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتساقلا، چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشى، چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىنى تۈگىمەس مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز! بىز ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرساقلا، چوقۇم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز!

«ئىككى 100 يىل»نىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشكە، قانۇنىيەتنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسەك، چوقۇم يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 26- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى