تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 5 - سانىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك» دېگەن مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش ئومۇمىي نىشانىنى چۆرىدەپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، قانۇنچىللىق يولىدا دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەمىز ئەزەلدىن قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولدى، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولدى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇمىي ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىدە مۇھىم، زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتا تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، ئاساسىي قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، قانۇنچىللىق يولىدا دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئالتىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يەتتىنچى، قانۇن بويىچە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. سەككىزىنچى، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. توققۇزىنچى، دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنچىللىق ۋە چەتكە چېتىشلىق قانۇنچىللىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئونىنچى، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولغان يۇقىرى ساپالىق قانۇنچىللىق خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئون بىرىنچى، رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش، جەزمەن ئىلمىي نەزەرىيەنى يېتەكچى قىلىپ، نەزەرىيە تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشتىن يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئىدىيە، نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى ياخشى يەكۈنلەپ، ياخشى قوللىنىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.