تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، شۇجىچۇنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بەردى

شى جىنپىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتى ھەم مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، شۇجىچۇنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىلىرى ھەر يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خىزمىتىدىن يازما دوكلات بېرىدۇ. يېقىندا ئالاقىدار يولداشلار بەلگىلىمە بويىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا خىزمىتىدىن يازما دوكلات بەردى. شى جىنپىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقتى ھەم مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، «14 - بەش يىل» باشلانغان يىل. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە قويۇپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى چىڭ كۆزلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، مەسئۇل ساھەدىكى خىزمەتلەر ئۈستىدە ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پاك - تەلەپچان بولۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، ئۈلگە بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ تېخىمۇ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەرقايسى رايون، ھەرقايسى تارماق، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

ئالاقىدار يولداشلار ئۆتكەن بىر يىللىق ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، خۇلاسىلەپ، كەسكىن، سەمىمىي پوزىتسىيە ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بىلەن خىزمەت دوكلاتى يازدى. خىزمەت دوكلاتىدا تەجرىبە، تەسىراتلار يەكۈنلىنىپ، مەسىلىلەر، يېتەرسىزلىكلەر تەھلىل قىلىنىپ، چوڭ ۋەزىيەت چۆرىدىلىپ كېيىنكى قەدەمدىكى تىرىشىش يۆنىلىشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بار.

بىرىنچى، قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قوغداشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قوغداش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئىككىنچى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ھەقىقىي نەتىجە يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىش داۋامىدا نەزەرىيە ئۆگىنىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى سىناش كېرەك.

ئۈچىنچى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مەسئۇل ساھەدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىۋاتقان مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، پائال تۈردە ئۆزى مەسئۇل ساھەلەردىكى ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك.

تۆتىنچى، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا مۇھىم، زور مەسىلىلەر، مۇھىم زور ئىشلار، مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭدىن يوليورۇق سوراپ، دوكلات قىلىپ، مەسئۇل ساھە، مەسئۇل خىزمەتلەردە دېموكراتىيەنى تولۇق ئەۋج ئالدۇرۇش، توغرا مەركەزلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش كېرەك.

بەشىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قاتتىق بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئۆزىگە، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچى خادىملارغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پاك - دۇرۇس بولۇشتىن ئىبارەت سىياسىي خىسلەتنى ساقلاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.