تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 28-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا 28-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي كاپالەت خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، جەمئىيەت ئادىللىقىنى قوغداش، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي تۈزۈم كاپالىتى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەڭ خەلق ئاممىسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى چوڭ مەسىلە. قايتا تەقسىملەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ئىشەنچلىك، تېخىمۇ تولۇق كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر-يېزىلار بىرتۇتاش پىلانلىنىدىغان، ئادىل، بىرلىككە كەلگەن، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت بىخەتەرلىك تورىنى يەنىمۇ زىچ توقۇپ، دۆلىتىمىز ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى خۇ شياۋيى بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈردى، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇھاكىمە قىلدى.

شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەمىز ئەزەلدىن خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ۋە ئىجتىمائىي كاپالەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە كارخانىلارنىڭ ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىر ئىزغا سېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ياشانغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى ئورناتتى. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرىكتۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنى تەشكىللەپ قۇردى. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، بىر قىسىم دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىپ يۆتكەپ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنى تولۇقلىدى. ياشانغانلار كۈتۈنۈش، بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش قاتارلىق پاراۋانلىق ئىشلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇردى، خەلق ئاممىسى شەھەر-يېزا، رايون، جىنس، كەسىپ بويىچە ئايرىلماستىن، ياشىنىپ قېلىش، كېسەللىك، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىش، مېيىپلىك، نامراتلىق قاتارلىق خەۋپ-خەتەرگە يولۇققاندا ھەممىسى مۇناسىپ تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە بولدى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئىجتىمائىي نەپىقە قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، فۇنكسىيەسى مۇكەممەل بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى 1 مىليارد 360 مىليون كىشىنى قاپلاپ، ياشانغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 1 مىلياردقا يېقىن كىشىنى قاپلاپ، دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بولۇپ قالدى. بۇ، خەلققە گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇشى ۋە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، ياشانغانلار نوپۇسى كۆپىيىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلى كۆپ خىللىشىشىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىدا يەنىلا يېتەرسىزلىكلەر ساقلانماقتا، بۇنىڭغا جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش ھەم ئۇنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، پائال ئىزدىنىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، چەت ئەللەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت جەھەتتىكى پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش، ئۆرنەك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، روشەن جۇڭگوچە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدۇق. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولدۇق؛ خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بېيىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش، جەمئىيەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپكە ئېرىشتۈردۇق؛ تۈزۈم ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، كۆپ قاتلاملىق بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش قاتارلىق نىشانلارنى چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق؛ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش ئۇسۇلى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ئارقىلىق تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمدىكى توسالغۇلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدۇق؛ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم مادارىمىزغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىقتىساد ۋە مالىيە كۈچىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېشىشى ئاساسىدا ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردۇق، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلمىدۇق، باسقۇچتىن ھالقىپ كەتمىدۇق. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يەكۈنلەپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىجتىمائىي كاپالەت خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تەلەپلەرنى ياخشى ئىگىلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش»ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ئۇنى پىلانلاش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك نەزەر تۇرغۇزۇپ، خەلقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىش مۇساپىسىگە ماسلىشىپ، بالىلار بېقىلىدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇش، ئاجىزلارنىڭ يار-يۆلىكى بولۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەۋپ-خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسىدە دۆلىتىمىزدە ياشانغانلار نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى، ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمۈرنىڭ ئۇزىرىشى، مائارىپنى قوبۇل قىلىش يىل چېكىنىڭ ئېشىشى، ئەمگەك كۈچى قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق تەرەققىيات يۈزلىنىشلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ھۆكۈم قىلىپ، خىزمەتتىكى ئالدىن كۆرەرلىك ۋە تەشەببۇسكارلىقنى ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ئىسلاھاتى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش باسقۇچىغا كىردى. ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ئارىسىدىكى، ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسى بىلەن باشقا ئالاقىدار ساھەلەر ئارىسىدىكى ئىسلاھات باغلىنىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلاردا ئومۇمىي بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت جەھەتتىكى ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرى، غەم قىلىدىغان ئىشلىرى، ئەندىشە قىلىدىغان ئىشلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تۈۋرۈكلۈك ياشانغانلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش غەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. يېزا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دائىملىق ياردەم بېرىش-يۆلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دېھقان ئىشلەمچىلەر، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، يېڭى كەسىپ ھالىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش-مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مېيىپلەر، يېتىم بالىلارغا ياردەم بېرىش-يۆلەش قاتارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا بىرلەشمە ھەرىكىتى»نى قەتئىي بوشاشماي ماس ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت تەشكىللىگەن دورا ۋە ئۇپرىما ماتېرىياللارنى مەركەزلىك ھالدا مىقدارلىق سېتىۋېلىش ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردىن ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا قانۇنچىللىق يولىدا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەتكە دائىر قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار، شەخسلەر، جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇق-مەنپەئىتى، مەجبۇرىيىتى، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قانۇن بويىچە تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەت مەبلىغىنى ھىيلە ئىشلىتىپ ئالداپ ئېلىۋېلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىپ ئېلىۋېلىش ياكى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھەربىر پۇڭ «ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى»، «جان ساقلاش پۇلى» ۋە ھەربىر «قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش پۇلى»، «خەيرىيەت پۇلى»نى ياخشى قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي كاپالەتنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش دەرىجىسى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىجتىمائىي كاپالەتنى تۈزەش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى تىزىملاش ۋە يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئوبيېكتلىرىنى دەل جايىدا بېكىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىگە ياردەم بېرىش، بەھرىلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىشنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئەنئەنىۋى مۇلازىمەت شەكلى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى تەڭ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياشانغانلار، مېيىپلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، تېخىمۇ سەمىمىي، ئىللىق بولغان ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ، دۆلىتىمىز ئىجتىمائىي كاپالىتىنىڭ تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئېغىر، زور خەۋپ-خەتەرگە نىسبەتەن جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تۈزۈمنىڭ بىردەكلىكى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلغان بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈمنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىنى ئاشۇرۇپ، تۈزۈمنىڭ يۈرۈشۈشىگە بولغان باشقۇرۇش، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار چوقۇم ئومۇملۇق ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، تۈزۈم ئىسلاھاتى تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تۈرلۈك ئىسلاھات لايىھەلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.