تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

«14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى لايىھەسى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئاساسىي قاتلام تەشكىلات خىزمىتى نىزامى»نى قاراپ چىقتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، گوۋۇيۈەن 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنىدىغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىنىڭ لايىھە نۇسخىسى ۋە قاراپ چىقىشقا سۇنىدىغان «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» نۇسخىسىنى مۇزاكىرە قىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئاساسىي قاتلام تەشكىلات خىزمىتى نىزامى»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت، دۆلەت ئىچىدىكى مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى، بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئېغىر زەربىسى ئالدىدا، پارتىيەمىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتتى. بەش يىل سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر غەلىبىلىك تاماملىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ئەلالاشتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، سىرتقا ئېچىۋېتىش سىجىل كېڭەيتىلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى چوڭ پەللىگە كۆتۈرۈلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە ئالغا قاراپ يېڭى بىر چوڭ قەدەم تاشلاندى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: «14 - بەش يىل» مەزگىلى دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققان، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن كېيىن، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان بىرىنچى بەش يىل. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىنى ئىلمىي تۈزۈپ يولغا قويۇش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، ئىناق بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى لايىھەسىنى 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 4 - يىغىنىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا سۇنۇش جەريانىدا، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ياخشى تۈزۈپ، يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا پۈتۈن يەر شارىدا يامراۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئاساسى تېخى مۇستەھكەم ئەمەس، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يەنىلا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ئىلمىي، دەل جايىدا يولغا قويۇپ، تىرىشىپ ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا ئايلىنىشىنى ساقلاپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئىستراتېگىيە تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، «14 - بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاشقا، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك. پۇختا، ساغلام پۇل سىياسىتى جانلىق، دەل جايىدا، مۇۋاپىق، لايىقىدا بولۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئاساسىي قاتلام تەشكىلات خىزمىتى نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جەزمەن پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن ئالىي مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ سىياسىتى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە ئىشلىرى خىزمىتى ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتى قوشۇنىنى تولۇق سەپلەپ، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى دەرسلىككە، دەرسخانىغا، كاللىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ھەقىقىي تۈردە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، قوللايدىغان، تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شەكىللەندۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىكى بۇرچ، ۋەزىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.