تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قول سېلىپ ئىشلەپ، ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

ئەزا ۋۇ گاڭ:

قول سېلىپ ئىشلەپ، ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ئەزاسى، شىنجاڭ جىنفېڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋۇ گاڭ بېيجىڭغا ئېلىپ بارىدىغان تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنىڭ ئاخىرقى تەييارلىقىنى قىلىۋاتاتتى.

دۆلەتنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇش؛ جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، تەكلىپ - تەۋسىيەلەرنى ئەستايىدىل يېزىش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا رىشتە باغلاپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش؛ «G7 يېڭىلىق يارىتىش يولى» شىنجاڭ سىرتقا يۈزلەنگەن يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يېتىشتۈرۈش مەركىزى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش... ۋۇ گاڭ ئۆتكەن بىر يىلنى ئەسلەپ، «مەنىلىك بولدى» دېگەن سۆز بىلەن خۇلاسىلىدى.

«2020 - يىلى، مەن نۇرغۇن ۋاقتىمنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا سەرپ قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزاسىلىق ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلدىم.» ۋۇ گاڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىر يىلدا، ئۇ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ جۇڭگو نوپۇس، بايلىق، مۇھىت تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى ھەم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش نوپۇس - بايلىق - مۇھىت كومىتېتىنىڭ بايلىق، مۇھىت «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى تەتقىقات - مۇھاكىمە يىغىنى قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو چاڭجياڭ سەنشيا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو داتاڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 15 كارخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ھەمدە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان، ئىزدەنگەن. نۇرغۇن جايدىكى تۈر نەق مەيدانلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەھۋاللارنى تولۇق ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىغان ھەم ئالغان.

«پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىكى ھاسىلاتنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قابىلىيەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتىكى خىزمەت نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.» 2020 - يىلى، ۋۇ گاڭ «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئېنېرگىيە تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشىنى تەۋسىيە قىلىپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە تەرەققىيات لۇشيەنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ» قاتارلىق 13 تۈرلۈك تەكلىپنى يېزىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا پائال ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، 2020 - يىلى جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسىنىڭ شىنجاڭدا ئىشقا ئاشۇرغان ئاممىۋى مەنپەئەت سېلىنمىسى جەمئىي 11 مىليون 728 مىڭ 400 يۈەن بولۇپ، مائارىپ، كەسىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئۇل قۇرۇلۇش قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلدى. تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسى بىرىنچى ۋاقىتتا جىنفېڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئىجتىمائىي ياردەم خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، خۇبېي، شىنجاڭ، خېبېي قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ھەمدە باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا نەق پۇل، جىددىي ئېھتىياجلىق داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلدى، ئومۇمىي سوممىسى 6 مىليون 600 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمەت تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇم مەزگىلىدە، جىنفېڭ پەن - تېخنىكىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 882 شامال ئېلېكتىر مەيدانى ۋە 52 سۇ زاۋۇتىدا بىردەك نورمال يۈرۈشۈشنى ساقلىدى.

«مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش داۋامىدا، شىركەتنىڭ تەرەققىيات ئورنىنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى نىشان بىلەن يۈكسەك ماسلاشقانلىقىدىن ھەسسىلەپ ئىلھاملاندىم، خىزمەتكە بولغان بۇرچ تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچەيدى، مەن ئۆزگىرىشكە پائال قۇچاق ئېچىپ، قول سېلىپ ئىشلەپ، ئېنېرگىيەنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن» دېدى ۋۇ گاڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى