تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئالىي ئىززەت - ھۆرمەت يۈكسەك مەدھىيە

− مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنىدىكى بىر كۆرۈنۈش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى زوۋ ۋېي، جاڭ شياۋسۇڭ

2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيى. چوڭ زالدىكى يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرغان چىراغ نۇرلىرى ئاستىدا، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى.

ھەيۋەتلىك «ۋەتەن قەھرىمانلىرىغا ئېھتىرام» ناملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە بىر - بىرلەپ مېدال، گۇۋاھنامە، تەقدىرنامە تارقىتىپ بەردى.

«شيا سېن، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تاشقى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى».

ئىسىم ئوقۇلۇشى بىلەن، خىزمەتچى خادىملار چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان، چاچلىرى ئاپئاق ئاقارغان ياشانغان ئايال شيا سېننى ئىتتىرىپ، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى.

يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، شيا سېن ۋە مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن باشقا كىشىلەر تەكلىپ بىلەن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانىدى. مۇشۇ پەيتتە باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى بۇ 97 ياشلىق نەمۇنىچىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

ئالىي ئىززەت - ھۆرمەت، يۈكسەك مەدھىيە.

پۈتۈن مەيداندا ياڭرىغان قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېڭىشىپ تۇرۇپ، تەنتەنىلىك ھالدا بۇ ياشانغان ئايالغا مېدال ئاستى، مېدال لېنتىسىنى رەتلەپ قويدى، قاراشلىرى مۇلايىم ۋە ئىللىق ئىدى.

ياشانغان ئايال شيا سېن ھاياجانلانغان ھالدا چاقلىق ئورۇندۇقتىن تۇرۇشقا تەمشەلدى، باش شۇجى يەنە بىر قېتىم ئېڭىشىپ، كۈلۈمسىرىگىنىچە ياشانغان ئايالنىڭ مۈرىسىنى يېنىك بېسىپ، ئۇنى خاتىرجەم ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلىپ، قىپقىزىل شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى ھەم ئۇنىڭ بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. ياشانغان ئايالنىڭ كۆپ ئىسسىق - سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى چىقىپ تۇرىدىغان چېھرىدىن ھاياجان ۋە خۇشاللىق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى. ئۇ گۇۋاھنامىنى قولىغا ئېلىپ، تۆۋەنگە قاراپ ئارقا - ئارقىدىن قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.

فوتو ئاپپاراتلار توختىماي چاراسلاپ، بۇ تارىخىي دەقىقىنى خاتىرىلىدى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى چوڭ زالدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

14 يېشىدا ئىنقىلابقا ئاتلانغان، 15 يېشىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن شيا سېن 1982 - يىلى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ يەنىلا نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا رىشتە باغلاپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن يىغقان جەمئىي 2 مىليون 32 مىڭ يۈەن پۇلنى ئىئانە قىلىپ، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ دەنفېڭ ناھىيەسى، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شاڭيوۋ ناھىيەسىدىكى نامرات يېزا - كەنت مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلەتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 1 مىليون يۈەن بىلەن «شياسېن ئوقۇش ياردەم پۇلى» تەسىس قىلىپ، ھازىرغىچە 182 نامرات داشۆ ئوقۇغۇچىسىنىڭ «داشۆ ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئىقتىسادىي ياردەم بەردى.

دەۋر قەھرىمانلارنى يارىتىدۇ، ئۇلۇغلۇق ئاددىيلىقتىن كېلىدۇ. قاينام - تاشقىنلىققا تولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ كۈرىشىدە، شيا سېنغا ئوخشاش سىياسىيدا قەتئىي، ئىپادىسى گەۋدىلىك، تۆھپىسى مۇھىم، زور، روھى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان زور بىر تۈركۈم كۆزگە كۆرۈنگەن تىپلار مەيدانغا كەلدى. پارتىيە رەھبەرلىكىدە، ئۇلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تۆھپە قوشۇپ، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاپ، مىليونلىغان خەلق بىلەن بىرلىكتە تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۆجىزىسىنى ياراتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتلىق سۆزلىرى چىراغلار يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرغان ئەگمە تورۇس ئاستىدا ئۇزاققىچە جاراڭلىدى −

«بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى!»

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.