تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

«تىرىشقانلارغا باھار بالدۇر كېلىدۇ، تىرىشقاندىلا ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ»

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار يۈ شىنشىڭ، خې كېمىڭ خەۋەر قىلىدۇ): 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، 5-شى 87-تۇەن 6-ليەننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى رې خۇڭجياڭنىڭ ئۆيىدىكى باقمىچىلىق قوتىنى ئىللىقلىققا تولغانىدى، توپ-توپ قوزىلار چېپىپ يۈرەتتى. رې خۇڭجياڭ ساغلىققا يەم-خەشەك بېرىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، قوتاندىكى قوزىلارغا قاراپ، ئۇنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى.

«بۇ قوتاندا 220دىن ئارتۇق قوي باقتىم، ھازىر 100دىن ئارتۇق قوزىلىدى. مەن ئاساسلىقى قاراباش قويى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىمەن، قاراباش قويىنىڭ تۆللەش نىسبىتى ۋە ئەي بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، ئۆسۈش سۈرئىتىمۇ بىر قەدەر تېز...» باقمىچىلىقنى تىلغا ئالغاندا، رې خۇڭجياڭ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى.

بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، رې خۇڭجياڭ 87-تۇەننىڭ 6-ليەنىدە يەر تېرىغان، باشقۇرۇش تېخنىكىسى كەمچىل بولغاچقا، كىرىمى يۇقىرى ئەمەس ئىدى. كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، رې خۇڭجياڭ كالا، قوي باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سىناق قىلدى، ئەمما قوينىڭ نەسلى ناچارراق بولغاچقا، باقمىچىلىقنىڭ ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىدى.

2019-يىلى، بۇ تۇەن دۆلەتنىڭ «چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش» ھەرىكىتى مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، قوينىڭ نەسلىنى ياخشىلاشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ يېڭى سورتلارنى بېقىشىغا ئىلھام بەردى. رې خۇڭجياڭ 87-تۇەن 6-ليەن «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە، قاراباش قويىنى كىرگۈزدى. ئارقىدىنلا، 6-ليەن «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ئەزالىرى قولمۇقول رې خۇڭجياڭنى يېتەكلەپ، ئۇنىڭغا باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، رې خۇڭجياڭنىڭ باقمىچىلىق ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشتى.

رې خۇڭجياڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«بۇ يىل 4-ئايغا كەلگەندە، مېنىڭ بۇ قاراباش قويلىرىم 200 تۇياقتىن ئارتۇق قوزىلىشى مۇمكىن. بۇ يىل 6-ئايدا قوزىلارنى ساتالايمەن، بۇ يىل باھاسىمۇ بىر قەدەر ياخشى، مۆلچەرىمىزچە 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىمىز».

نەسىل ياخشىلاش ئېلىپ كەلگەن پايدىنى كۆرۈپ، رې خۇڭجياڭ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تولۇق ئىشەنچ باغلىدى. رې خۇڭجياڭ بۇ يىللىق پىلاننى بېكىتىپ بولدى. «بۇ يىل، مەن باقمىچىلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىمەن. ھازىر بازار باھاسى ياخشى، تۇەندىمۇ ياخشى سىياسەت بار، مەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتىمەن. كېيىنكى قەدەمدە، مەن يەنە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىپ، ئەتراپىمدىكى ئىشچى ـ خىزمەتچى ئامما بىلەن بىرلىكتە، بىرلىشىپ بېيىيمەن» دېدى رې خۇڭجياڭ خۇشال ھالدا.

قوزىلىتىپ بېقىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا، بۇ تۇەننىڭ ھەرقايسى ليەندۈيىدىكى «ئىككى كومىتېت» بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنى تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، قوزىلارنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈردى.

«ليەندۈي <ئىككى كومىتېت>ىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز دائىم ئائىلىلەرگە بېرىپ زىيارەت قىلىپ ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئامما ئۈچۈن ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇلازىمەتنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. 87-تۇەن 6-ليەن «ئىككى كومىتېت»نىڭ ئەزاسى جاڭ پېڭفېي مۇنداق دېدى:«بۇ يىل، بىزنىڭ ليەندۈيدىكى باقمىچىلارنىڭ قويلىرىنىڭ قوزىلاش ئەھۋالى ياخشى، ئىشىنىمەنكى، ئىلمىي پەرۋىش قىلسىلا، ئىشچى-خىزمەتچى ئامما چوقۇم بېيىش يولىغا ماڭىدۇ».

«تىرىشقانلارغا باھار بالدۇر كېلىدۇ، تىرىشقاندىلا ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ». رې خۇڭجياڭ ئىشەنچكە تولغان ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى