تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

【ھاللىق تۇرمۇشىمىزغا ئاتلىنايلى】 نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەر

  لوپ ناھىيەسى دول يېزىسى دۆڭئازما كەنتى ئالتۇن يىڭنە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، دېھقانلار كەشتە تىكمەكتە. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى بېيجىڭ، چېڭدۇ قاتارلىق جايلاردىكى كارخانىلار بىلەن مال تەمىنلەش توختامى ئىمزالىدى، كەشتىچىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىچكىرى رايونلاردىكى بازارلارغا سېتىلىدىغان بولۇپ، ھەر يىللىق سېتىش كىرىمى بىر مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. (2019-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى تارتىلغان).

مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

  2020-يىلى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى بارىن يېزىسىدىكى 2456 پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن قوغۇنلاردىن مول ھوسۇل ئېلىندى. سۈرەتتە: بارېن يېزىسى يۇقارقى بارىن كەنتىدىكى دېھقان ئابدۇرېھىم ياسىن ئۆزى تېرىغان قوغۇنلارنى قاچىلىماقتا (2020-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان).

مۇخبىر لى رۇي فوتوسى

  يەكەن ناھىيەسى سەبدەگۈل ئۆستۈرۈش كۆلىمى 130 مىڭ موغا يېتىپ، 80 مىڭدىن كۆپرەك دېھقاننىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى (2020-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان).

مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

  قاغىلىق ناھىيەسىدىكى بىر توقۇمىچىلىق كارخانىسىنىڭ مەسئۇلى زاكاز ئالغاندىن كېيىن خادىملارغا بۇ خەۋەرنى خۇشاللىق بىلەن يەتكۈزدى (2019-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان).

مۇخبىر جېن شىشىن فوتوسى

  قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسى، ئسىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ قوشتولغاي بازىرى ديېلۈن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش مەكتىپى بىلەن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىك ئالدىدىلا تېخنىكا ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى (2020-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان).

خې چېڭچياڭ فوتوسى

  تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈم ئۈزمەكتە (2018-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان).

مۇخبىر جېن شىشىن فوتوسى

  ئاقتۇ ناھىيەسى كۇئېنلۇن جيايۈەن باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسىدىكى چارۋىچىلار ئازادە، يورۇق يېڭى ئۆيىدە جەم بولۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بەخت تىلەپ، بەختلىك تۇرمۇشىنى مەدھىيەلىدى (2019-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).

مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

  پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ شەھەر-يېزا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك سۇ يەتكۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 15 مىڭ 300 نامرات نوپۇس خاتىرجەم سۇ ئىچەلەيدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى بارلىق نامرات نوپۇس قىرتاق، تۇزلۇق سۇ بىلەن ئۈزۈل-كېسىل خوشلاشتى، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. (2020-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان).

مۇخبىر شيې لۇڭ فوتوسى

  ئاقچى ناھىيەسى ئاقچى بازىرى جالاڭچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى دۇشەن جۈمە (ئوڭدىن 1-كىشى) كەنتتىكى 80 كەنت ئاھالىسى بىلەن بىرلىكتە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى (2019-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى تارتىلغان).

مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى

  خاڭجوۋ شەھىرى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ئاقسۇ شەھىرى دولان 1-يەسلىسى شۇ جايدىكى 600گە يېقىن بالىنىڭ يەسلىگە كىرىش مەسلىسىنى ھەل قىلدى. سۈرەتتە: بالىلار يەسلىنىڭ مەيدانىدا پائالىيەت قىلماقتا (2018-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى تارتىلغان).

يۈ ليۇدۇڭ فوتوسى

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن 8-تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش-داۋالاش ئەترىتىدىكى دوختۇر خۇ شياڭدەن (سولدا) قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىدا ئاغرىقنىڭ ئوبدان داۋالىنىپ، بالدۇرراق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىشىغا مەدەت بەردى (2018-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان).

مۇخبىر جېن شىشىن فوتوسى

  لوپنۇر ناھىيەسى «بىر يېزىدا بىر مەھسۇلات، بىر كەنتتە بىر كەسىپ» بولۇشتەك خاس كەسىپ ئەندىزىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئېشەك سۈتىنى توردا، تور سىرتىدا سېتىش كەسىپ زەنجىرىنى ئېچىپ، «نامراتلارنى يۆلەش ئېشىكى»نى «بېيىش ئېشىكى»گە ئايلاندۇردى. سۈرەتتە: لوپنۇر ناھىيەسى شىڭپىڭ يېزىسى شياڭياڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ جىڭخۇا «بېيىش ئېشىكى»نى يېتىلىپ ئۆيىگە قايتماقتا (2018-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان).

لى في فوتوسى

  قاغىلىق ناھىيەسى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە تاغلىق رايونلاردىن چىققان 6750 ئائىلىدىكى 29 مىڭ 688 كىشى خۇشاللىق بىلەن يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، بېيىش يولىغا دادىل قەدەم تاشلىدى. سۈرەتتە: قاغىلىق ناھىيەسى ئاقتاش بازىرىدىكى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئولتۇراقلاشتۇرۇش رايونىدىن بىر كۆرۈنۈش (2020-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى تارتىلغان).

مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى

  مۇخبىر ليۇ يى

  بۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش تارىخىدىكى مۆجىزە. پارتىيە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى قەرەلىدە تاماملىدى. تىيانشاننىڭ جەنۇب-شىمالىغا نەزەر سالساق، ئاپتونوم رايونىمىز ھازىر يولغا قويغان ئۆلچەم بويىچە يېزىلاردىكى 3 مىليون 64 مىڭ 900 نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 3666 نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن چېكىندى، 35 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، شىنجاڭنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخى خاراكتېرلىك ھەل قىلىندى.

    بۇ يەنە تەر ۋە كۆز يېشى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۇلۇغ مۇساپە. ھەربىر كىشىنىڭ ھەممىسى قالتىس! پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئامما پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، نامراتلىقنى تۈگىتىشتىكى ئەڭ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، «ئىككىدە غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇردى، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇب-شىمالىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ جاراڭلىق مېلودىيەسى ياڭرىتىلدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەنلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ 2-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەت، مەبلەغ، تۈر قاتارلىق جەھەتلەردە مايىللىشىش، قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  بىپايان تارىم ئويمانلىقىدىن ئېگىز ئالتاي تېغىغىچە، ھەيۋەتلىك پامىر ئېگىزلىكىدىن مۇنبەت تۇرپان ئويمانلىقىغىچە، ھەممە جايدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ بەخت تەبەسسۇمىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يېڭى كەنتكە كۆچۈپ كەلگەن بەختلىك تۇرمۇش، جۈمەكتىن شىرىلداپ ئېقىۋاتقان پاكىز سۇلار، مەكتەپلەردىن چىقىۋاتقان كىتاب ئوقۇغان ئاۋازلار، ئېنىقكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ گۈزەل كارتىنىلاردىن ئىبارەت.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ قالپاقنى ئېلىۋېتىش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، بەلكى يېڭى تۇرمۇش، يېڭى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ زېمىنى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالى يىپيېڭى قىياپەت بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسلاشتۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى تىرىشىپ سىزىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتىكى يېڭى مۇساپىنى باشلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى