تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

توقسۇ ناھىيەسى: كىچىك ياڭاقلار دېھقانلارنىڭ بېيىش يولىنى ئاچتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر خۇ شياۋشياۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر لياۋ جاڭچۈەن): 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى پەيشەنبە بازار يېزىسى جياۋۇلاڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پىششىقلاش سېخىدا، نەچچە ئون خىزمەتچى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا سېتىلىدىغان ياڭاقلارنى دەرىجىگە ئايرىش، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

  خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، «كەسىپ ئارقىلىق قان ئىشلەپچىقىرىش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئىگىلىك تىكلەش ئىرادىسى بويىچە يۆلەش»تىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن قول سېلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلدى. خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن كېڭىشىپ، ياڭاق پىششىقلاش كەسپىنى يۆلەشنى قارار قىلدى ھەم «بازا+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+سېتىش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ياڭاقنىڭ سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ياڭاق سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى.

  ئۇلاش ئارقىلىق ئۆستۈرۈلگەن ياڭاقنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئېشىپلا قالماي، ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلەرمۇ %85تىن ئاشتى، مو بېشى ھوسۇلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 180 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئاشتى، مو بېشى كىرىمىمۇ ئەسلىدىكىدىن 1200 يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى. «بىز ياڭاقنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، سېتىش يوللىرىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، كەنتىمىزنىڭ ياڭىقىنى جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىگە ساتىمىز» دېدى 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى شۈ خۇڭجۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باھار كۈنلىرىدىكى خۇش پۇراق چېچەكلەر
  • كۇچادا مىليون مو يەرگە كېۋەز تېرىش باشلاندى
  • ماشىنىدا كېۋەز تېرىش