تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدە 322 مىڭ مو يەردىكى كۈزگى بۇغدايغا قوشۇمچە ئوغۇت بېرىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلەندى

  ھاۋانىڭ ئىللىشىغا ئەگىشىپ، كۈزگى بۇغداي كۆكلەم مەزگىلىگە كىردى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى يېزا-بازارلار بالدۇر ھەرىكەتكە كېلىپ، بالدۇر تەييارلىق قىلىپ، ئادەم كۈچى، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەرنى كۆكلەم ئوغۇتى بېرىشكە پائال تەشكىللەپ، پۈتۈن ناھىيەدىكى 322 مىڭ مو كۈزگى بۇغداينىڭ قىشتىن ئۆتۈش مەزگىلىدە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئوزۇقلۇقىنى تولۇقلاپ، بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  2-ئاينىڭ 20-كۈنى، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر بازىرى سۇلۇق كەنتىدىكى كۈزگى بۇغداي ئېتىزىدا، رەتلىك تىزىلغان ئېتىزلارغا ئوغۇتلار دۆۋلىنىپ كەتكەن بولۇپ، دېھقانلار كۈزگى بۇغدايلارغا قوشۇمچە كۆكلەم ئوغۇتى بېرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. كەنت ئاھالىسى بارات ئابدۇرېھىممۇ تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەن ياخشى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تىراكتورچىلار بىلەن بالدۇرلا ئالاقىلىشىپ، ئوغۇتنى ئېتىزغا ئېلىپ كېلىپ، بۇغدايلارنى ئوغۇتلاشقا باشلىدى.

  «مەن 10 مو يەرگە كۈزگى بۇغداي تېرىدىم، بۇغدايلار قىشتىن بىخەتەر ئۆتتى. بۇغداينى ۋاقتىدا ئوغۇتلاش ئۈچۈن، مەن ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىدا ئوغۇتلاپ، پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئېتىزلارنى سۇغىرىپ، بۇ يىل بۇغداينىڭ ياخشى ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مول ھوسۇل ئالىمەن» دېدى بارات ئابدۇرېھىم.

  بۇ يىل، لەڭگەر بازىرىدىكى 20 مىڭ مودىن ئارتۇق كۈزگى بۇغداي ئېتىزىدا، دېھقان ئاممىسىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، تېرىلغۇ تەييارلىقىنىڭ نورمال قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، لەڭگەر بازىرى بالدۇر سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، بۇغدايغا قوشۇمچە ئوغۇت بېرىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدى ۋە ۋاقتىدا تاماملىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، كوناشەھەر ناھىيەسى كۈزگى بۇغداي ئوغۇتلاش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملايدىكەن. يېزا-بازارلار يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار ئىستىھكامى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان ماشىنىلارنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ۋە ئاسراشنى كۈچەيتىدىكەن. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرى، خىمىيەۋى ئوغۇت سېتىۋېلىش قاتارلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرگە قاراتمىلىق ھالدا ياردەم بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، دېھقانلارنى تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بويىچە يېتەكلەپ، ئېتىز پەرۋىشى بويىچە تەربىيەلەپ، بۇ يىل بۇغدايدىن مۇقىم، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشنى قولغا كەلتۈرىدىكەن.

مەنبە: قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى (مۇخبىر قەلبىنۇر)

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى