بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (بىڭتۇەن گېزىتىنىڭ 13-شىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار پونكىتىدىن مۇخبىر جاۋ باۋشەن خەۋىرى، فوتوسى): 2-ئاينىڭ 20-كۈنى، 13-شى قىزىل يۇلتۇز 1-مەيدانى 3-ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى ما ۋېيدۇڭ ئەسلىھەلىك پارنىك ئىچىدە توغاچ شاپتۇل دەرىخىنىڭ چېچەكلىرىنى شالاڭلاتماقتا. بۇ يىل ئۇ بەش پارنىكقا توغاچ شاپتۇل كۆچىتى تىكتى، مۆلچەرلىنىشىچە 4-ئايدا توغاچ شاپتۇل پىشىپ بازارغا سېلىنىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 13-شى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، ئىشچى-خىزمەتچى ئامما پارنىكتا مېۋە-كۆكتات ئۆستۈرۈپ پەسىل قالدۇرۇپ سېتىپ، كۆپ پايدىغا ئېرىشتى.