تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قاناس مەنزىرە رايونى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ قاتناش ساقچىلىرى قار ئازگىلىغا قاپسىلىپ قالغان ساياھەتچىلەر ئاپتوموبىلىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇۋالدى

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر پاتىمە جانات فوتوسى، خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 22-كۈنى، قاناس مەنزىرە رايونىدا قاتتىق قار ياغدى، تەۋەلىكتىكى ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قاناس مەنزىرە رايونى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تېزدىن قوزغىتىپ، دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى ۋە نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىدە بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئەسكەرتمىسى تەسىس قىلدى ھەمدە پۈتۈن كۈن يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئامما قاتناش ساقچىلىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  شۇ كۈنى سائەت 22:40 مىنۇت ئۆتكەندە، قۇمدا سەيلە قىلىۋاتقان بەش ساياھەتچى قۇمنىڭ قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش ئۈچۈن، يول باشلاش سېستىمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر قاقاسلىقتىكى مۇز تۇتقان يولغا كىرىپ قالدى، ئاپتوموبىل قار ئازگىلىغا پېتىپ قېلىپ، ئاپتوموبىلدىكىلەر قاپسىلىپ قالدى. بۇ خىل خەتەرلىك ئەھۋالدا، ساياھەتچىلەر 110غا تېلېفون بېرىپ، قاتناش ساقچىسىدىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى. كېچىدە يول چارلاۋاتقان خەلق ساقچىلىرى دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال تېلېفون ئارقىلىق قاپسىلىپ قالغانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قۇم قۇمباس چېگرا ساقچى ئىشلىرى پونكىتى يول بۆلىكىدە قاپسىلىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، تېزلىكتە ساقچى كۈچلىرىنى تەشكىللەپ نەق مەيدانغا باردى.

قۇتقۇزۇش نەق مەيدانى

قۇتقۇزۇش نەق مەيدانى

قۇتقۇزۇش نەق مەيدانى

قۇتقۇزۇش نەق مەيدانى

  قۇم قۇمباس چېگرا ساقچى پونكىتىنىڭ يول بۆلىكى دېڭىز يۈزىدىن بىرقەدەر ئېگىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاھالە شالاڭ بولغاچقا، يوللار تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە مۇز تۇتۇپ كەتكەنىدى. تەخمىنەن 20 مىنۇتتىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ساقچىلىرى قاپسىلىپ قالغان ئاپتوموبىل ۋە ساياھەتچىلەرنى بايقىدى. شارائىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، قۇتقۇزۇش ساقچىلىرى ئەڭ ئىپتىدائىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى، يەنى مۇناسىپ بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش شەرتى ئاستىدا، گۈرجەك بىلەن ئاپتوموبىل ئەتراپىدىكى قارلارنى تازىلىدى، يېرىم سائەتكە يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇشى ئارقىلىق، قاپسىلىپ قالغان ئاپتوموبىل ئوڭۇشلۇق قۇتقۇزۇپ چىقىلدى. قۇتقۇزۇۋېلىنغان ساياھەتچىلەر ھاياجانلانغان ھالدا خەلق ساقچىلىرىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ: «خەلق ساقچىسى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، قاناس مەنزىرە رايونىدىكى قاتناش ساقچىلىرىغا رەھمەت ئېيتىمىز» دېيىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى