تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ توققۇزتارا: چاغان كېلىشى بىلەن يېڭى سەھىپە يارىتىلدى

شىنخۇا تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار چېن خاۋرەن، مۇيەسسەر، جاڭ شوۋفاڭ خەۋىرى): بۇ بىر مەزگىلدە، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەر ئالدىراش بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى بىر يىللىق تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، «ياخشى باشلىنىش»نى قولغا كەلتۈرۈشتەك كۈچەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.

توققۇزتارا ناھىيەسى نيۇچاڭ تەۋەلىك رايونى شىننيۇ مەھەللىسىدىكى شۇ يۈسەينىڭ كۆكتات پارنىكىغا كىرگەندە، ياپيېشىل چىڭسەيلەر كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، شۇ يۈسەي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە چىڭسەي تېرىش، چىڭسەي باغلاش، سىرتقا سېتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇ مۇخبىرنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ چاغاندا ئېرىشكەن نەتىجىلىرىدىن خۇشال ھالدا بەھرىمەن بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بۇ يىل بىر پارنىكقا چىڭسەي تېرىدىم، ھازىر ئۈچ ئېتىز چىڭسەينى سېتىپ بولدۇم، ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى ئۈچ يۈەن، ئۈچ توننىغا يېتىدۇ، چىڭسەينى سېتىپ بولۇپ، شوخلا تېرىسام، يەنە بىر ئۈلۈش كىرىم قىلالايمەن.

شىننيۇ مەھەللىسىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئون نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئىلگىرى دېھقانلار ئاساسلىقى ئەنئەنىۋى زىرائەتلەرنى تېرىيتتى. ئىككى يىلدىن بۇيان، شىننيۇ مەھەللىسى يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى پائال تەرەققى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسپى ئارقىلىق خەلقنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقتى. نۆۋەتتە، مەھەللىدە تېرىلغان چىڭسەي، شوخلا، جۇسەي قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسى ۋە ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردە بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولماقتا.

توققۇزتارا ناھىيەسى نيۇچاڭ تەۋەلىك رايونى شىننيۇ مەھەللىسىنىڭ كادىرى ما گوچاڭ مۇنداق دېدى: شىننيۇ مەھەللىمىز يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ، جەمئىي 60 نەچچە پارنىك بار، كەڭ كۆلەمدە چىڭسەي تېرىيدۇ، ھازىر تۆت، بەش پارنىكى بازارغا كىرىپ بولدى، چىڭسەينى سېتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلار يەنە پەسىللىك كۆكتات تېرىپ، كىرىمىنى ئاشۇرالايدۇ.

ھازىر دېھقان ئائىلىلىرىلا ئالدىراش بولۇپ قالماي، چاغان كېلىشى بىلەنلا توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى كارخانىلارمۇ «بالدۇر» بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، بار كۈچ بىلەن زاكاز قوبۇل قىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، چاغاندا «ياخشى باشلىنىش» بولۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. 2 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، توققۇزتارا ناھىيەسى تاشتۆپە يېزىسى كونا تام كەنتىدىكى شىنجاڭ تۇلۈ ساياھەت بۇيۇملىرى شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىش ئاقما لىنىيەسى تەرتىپلىك ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، ئالدىراش بولسىمۇ ھەممە ئىش تەرتىپلىك ئىدى. 

بۇلتۇر 12 ـ ئايدا، شىنجاڭ تۇلۈ ساياھەت بۇيۇملىرى شىركىتى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ تاشتۆپە يېزىسى كونا تام كەنتىگە رەسمىي ئورۇنلاشتى، شىركەت ئاساسلىق ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار كۆپۈكچە ئۆي ۋە يۇلتۇزلۇق ئاسمان چېدىرى قاتارلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، نۆۋەتتە شىركەت رەسمىي ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا كىردى. شىنجاڭ تۇلۈ ساياھەت بۇيۇملىرى شىركىتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى كاڭ لىن مۇنداق دېدى: ھازىر 12 ئىشچى-خىزمەتچى بار، كېيىنكى باسقۇچتا 10دەك ئادەم كۆپەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز، بىزنىڭ كۆزلىمە نىشانىمىز 50 ئادەم بولۇش، ئۈسكۈنە جەھەتتە بىز بۇ يىل ئۈچ ئۈسكۈنە، ئۈچ ئېرىتىش ماشىنىسى، قوش يىڭنىلىك تىكىش ماشىنىسىدىن ئۈچنى كۆپەيتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز.

يېڭى يىل يېڭى كەيپىيات، 2021 ـ يىلى، توققۇزتارا ناھىيەسى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، 1 ـ كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 ـ كەسىپنى كۈچەيتىپ كۆلەملەشتۈرۈش، 3 ـ كەسىپنىڭ سەرخىللىشىشىنى يۇقىرى قاتلامغا كۆتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.

مەنبە: توققۇزتارا ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى