شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش - تەقدىرلەش يىغىنى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نەمۇنىچى شەرەپ نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ.
يىغىندا يەنە مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار شەخس، ئىلغار كوللېكتىپلار تەقدىرلىنىدۇ.
مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، شىنخۇا تورى يىغىننى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىدۇ، خەلق تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، جۇڭگو تورى قاتارلىق مەركەزدىكى نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرى ۋە خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى ماس قەدەمدە ئۇلاپ تارقىتىدۇ.