تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

غۇلجا: چاغاندا ئىستېمال جانلاندى، سودىگەرلەر شادلىققا چۆمدى

  ئانار بۇلۇت:بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈشتەك يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ئەھۋال ئالدىدا، غۇلجا شەھىرىدىكى نۇقتىلىق سودا كارخانىلىرى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى، چاغان مەزگىلىدە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالى زور ھاياتىي كۈچكە تولدى.

  ئىلى خۈەنچيۇگاڭ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا تىجارەت باشلىغان چوڭ تىپتىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بولۇپ، چاغان مەزگىلىدە، سودا ساراي ماكانلاشقان سودىگەرلەر، داڭلىق ماركىلىق بىۋاسىتە سېتىش دۇكانلىرى، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ھېس قىلىش دۇكانلىرىنى تەشكىللەپ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بەزى قىشلىق كىيىم-كېچەكلەرنىڭ باھاسىنى %30 تۆۋەنلەتتى.

  «چاغان مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر 150 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، سېتىش سوممىسى 15 مىليون يۈەندىن ئاشتى» دېدى ئىلى خۈەنچيۇگاڭ سودىگەر چاقىرىش تىجارەت بۆلۈمىنىڭ دېرىكتورى سۈن چى.

  چاغان مەزگىلىدە تيەنبەي، شىنماۋيې قاتارلىق ھەرقايسى چوڭ سودا سارايلىرىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، تولۇپ تاشقان بايراملىق ئىستېمالغا تايىنىپ ناھايىتى ياخشى سېتىش نەتىجىلىرىنى ياراتتى.

  ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تولۇقسىز ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، چاغاننىڭ ئالدى-كەينىدە، غۇلجا شەھىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ سودا ساراي، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىدا ئادەم سانى تەخمىنەن 870 مىڭ ئادەم قېتىمغا، سېتىش سوممىسى تەخمىنەن 750 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

مەنبە: غۇلجا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىر ياڭ شيەنپىڭ، نۇرخات

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى