ئانار بۇلۇت: قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساس قىلىپ، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش كەسپىنى بىر بېكەت شەكىلدىكى مۇلازىمەت قىلىپ بېجىرىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كۆزنەك مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى ئاز پۇل خەجلەيدىغان، ئاز قاترايدىغان قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرنى كۈچەپ راۋانلاشتۇردى.
چاقىلىق ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىكى چوڭ زالدا ئاپتوموبىل كەسپىنى بېجىرگىلى كەلگەن نۇرغۇن ئامما بار بولۇپ، ئىش بېجىرىش پۇكىيىنىڭ ئالدىدا، بىر نەچچە ئامما كەسىپ بېجىرىشتىن مەسلىھەت سوراۋاتاتتى.
ئىش بېجىرگىلى كەلگەن گو گاۋفېڭ مۇنداق دېدى: قاتناش باشقۇرۇش 12123 يۇمشاق دېتالى بار بولغاندىن كېيىن، يان تېلېفوندا قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلغىلى، نومۇر، نومۇر تاختىسى تاللاش، رەسمىيەتنى تىزىملاش، قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرگىلى بولىدىغان بولدى، ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم قاترايتتۇق، ھازىر ناھايىتى تېزلا بېجىرىپ بولىمىز. «ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى بۇ ئاپتوماتىك سۇپىنى تەمىنلىدى، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا نۇرغۇن قولايلىق ئېلىپ كەلدى».
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى «دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش، بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» قاتارلىق مۇلازىمەتنى خەلققە قولايلاشتۇرۇش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.
چاقىلىق ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ يېتەكچىسى جاۋ ۋېي مۇنداق دېدى: كۆزنەكتە ئىش بېجىرىشتىن باشقا، كۆپچىلىك يەنە قاتناش باشقۇرۇش 12123 يان تېلېفون APPسى، قاتناش باشقۇرۇش 12123 ئاۋازلىق سۇپىسى، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىكى ئاپتوماتىك ئاپپارات ۋە ئالاقە تورى ھېس قىلىش رايونى ئارقىلىق ئىش بېجىرسە بولىدۇ، بىز يەنە خەلققە قولايلىق، خەلققە پايدىلىق، تېز بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنى ئۆيىدىن چىقمايلا كەسپىنى ياخشى بېجىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».