تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ جېمىنەي: قارلىق دالا پۇتبول مۇسابىقىسى

شىنخۇا تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار ۋاڭ چاۋجى، خۇئانىش ناسىخات خەۋەر قىلىدۇ): قىشنىڭ سوغۇقى ئاستا-ئاستا يېنىپ، باھار ئاستا-ئاستا يېتىپ كەلدى. تاغ باغرىدىكى قارلار تەدرىجىي ئېرىپ، ياپيېشىل تاغلارنىڭ بىر قىسمى ئاستا-ئاستا نامايان بولۇشقا باشلىدى، قار سۇلىرى لاي-توپىلارنى بويلاپ ئېقىپ، ئۇخلاپ ياتقان بارلىق جانلىقنى ئويغاتتى. 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، «ئالتاي−جېمىنەي» ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول دوستلۇق مۇسابىقىسى جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ تەنتەربىيە باغچىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.

مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر بۇ قېتىمقى ماھارەت كۆرسىتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتتى، ماھىرلار ئۆزئارا ياخشى ماسلىشىپ، مۇسابىقە مەيدانىدا ماھارەت كۆرسىتىپ بەسلىشىپ، قارلىق دالا پۇتبولچىلىقىنىڭ سۈرئىتى ۋە قايناق ھېسسىياتىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى جېمىنەي ناھىيەسى ھەرقايسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر، يەسلىلەرنىڭ قىشلىق تەنتەربىيە دەرسخانىسىنى قار-مۇز ھەرىكىتى مەيدانىغا يۆتكەپ، ئوقۇغۇچىلارغا قار-مۇز ھەرىكىتى ئاساسىي بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ۋە كىچىك دوستلارغا قار-مۇز ھەرىكىتى تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، قار-مۇز ھەرىكىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇپ، سالامەتلىكىنى كۈچەيتىپ، بەدەن قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى قار-مۇز ھەرىكىتىنى كېڭەيتىپ، قىشلىق قار-مۇز ھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان.

مەنبە: جېمىنەي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى