تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچىلار ئائىلە باشلىقلىرىغا تاپشۇرۇق ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرماسلىقى كېرەك

شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 2-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ زىيادە ئېغىر تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلىنىش يۈكى يەنىمۇ يېنىكلىتىلىدىكەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەكتەپلەر تاپشۇرۇق باشقۇرۇش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەنلەر گۇرۇپپىسى، يىللىقلار گۇرۇپپىسىدىكى تاپشۇرۇقلارنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تاپشۇرۇق ئومۇمىي مىقدارىنى بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق كونترول قىلىشى كېرەك. تاپشۇرۇقنىڭ لايىھەلىنىش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تاپشۇرۇقنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دەرس ئۆلچىمىدىكى تەلەپتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچىلار تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، يۈزمۇيۈز چۈشەندۈرۈپ، ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇمانلىق مەسىلىلىرىنى يېشىپ جاۋاب بېرىشكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئائىلە باشلىقلىرىغا تاپشۇرۇق ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرماسلىقى، ئائىلە باشلىقلىرىغا تاپشۇرۇق تەكشۈرۈش، ئۆزگەرتىشىنى تەلەپ قىلماسلىقى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى