تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرى ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرالمايدۇ

شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتى

پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرى ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرالمايدۇ

يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو شىنجاڭغا ئالاقىدار بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ھە دەپ تۆھمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىنتايىن ياخشى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا قارا چاپلاپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلدى. شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭدىكى كەڭ فوتوگرافلار بىردەك كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈردى، قاتتىق غەزەپلەندى ۋە قەتئىي قارشى تۇردى!

پاكىت مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىجىل ياخشىلىنىپ، ئۇل ئەسلىھەلەر ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى. ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭدىكى كەڭ فوتوگرافلار فوتو ئاپپاراتى ئارقىلىق رېئاللىقنى خاتىرىلەش، ھەقىقىي ئەھۋالنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇردى. ھەر مىللەت فوتوگرافلارنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، ھەمدە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئالتاي، ئىلى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشكىللەش جەريانىدا، بىز فوتو ئاپپاراتنى ئاساسىي قاتلامغا توغرىلاپ، شىنجاڭدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈردۇق. ئۇدا 21 نۆۋەت فوتو سۈرەت بەدىئىي ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. ھەربىر پارچە سۈرەت ئارقىلىق ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلدى، گۈزەل شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى نامايان قىلىندى، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى رېئاللىقنىڭ ھەقىقىي خاتىرىسى. شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتى ھەر مىللەت فوتوگرافلارنى مەملىكەتلىك تۈرلۈك فوتو سۈرەت كۆرگەزمىلىرى، فوتو سۈرەت مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2020 - يىلى شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتى تۇنجى نۆۋەتلىك گۈزەل جۇڭخۇا (ئالتۇن داڭقان مۇكاپاتى) مەملىكەتلىك مەنزىرە فوتو سۈرەت مۇسابىقىسىگە قاتناشتى، شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتى كوللېكتىپ 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، شەخسىي مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر تىزىملىكىدە، شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ماھىرلىرى جەمئىي ئۈچ تۈردە ئالتۇن مېدالغا، ئالتە تۈردە كۈمۈش مېدالغا، سەككىز تۈردە مىس مېدالغا، 20 تۈردە نادىر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بىزنىڭ پۈتۈن دۇنيا ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى فوتو سۈرەت ساھەسىدە نۇرغۇن دوستلىرىمىز بار، ئۇلار شىنجاڭغا بولغان تەلپۈنۈشى بىلەن، سەمىمىيىتى ۋە ئاق كۆڭۈللۈكى بىلەن كېلىپ، ھەقىقىي تۈردە فوتو ئاپپاراتى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە گۈزەل شىنجاڭنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ھەم ئۇلارنى خاتىرىلىدى، بۇلار پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولدى.

شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسىدىغان ھەرقانداق سۇيىقەست مۇقەررەر ئەمەلگە ئاشمايدۇ، پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرى ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرالمايدۇ، ئۇ تارقاتقان تۈرلۈك يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ۋە زەھەر جەزمەن ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.