تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى ئۈچۈن

− «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى» شىنجاڭ مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن خاتىرە

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، يۆ يەنيۈن، ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي

«جۇڭگو ھېكايىسى»نىڭ يادروسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى»دۇر. بۇ قېتىم دۇنيانىڭ نەزەرى شىنجاڭغا مەركەزلەشتى. 2 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى» شىنجاڭ مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرى ۋە تەشكىلاتلىرىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، گۈزەل تۇرمۇشقا ئاتلىنىشقا يېتەكلىگەنلىكى توغرىسىدىكى ھەقىقىي ھېكايىلەر تونۇشتۇرۇلدى.

سائەت 17دە، تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنى دەل ۋاقتىدا باشلاندى، جۇڭگو تەرەپ مېھمانلىرى مەيدانغا كىرىپ ئولتۇردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، دۆلەت ئىچىدىكى 40تىن ئارتۇق ئاخبارات ئورگىنىدىن كەلگەن 60 نەچچە مۇخبىر يىغىن مەيدانىغا بالدۇرلا كېلىپ، پايدىلىق «يەر شەكلى»نى ئىگىلەپ، زىيارەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلغانىدى.

بىر مەقسەتتە بولغانلارغا يول يىراق بىلىنمەيدۇ. يىغىن مەيدانىنىڭ مەركىزىدىكى چوڭ ئېكراندا، 80 نەچچە دۆلەتتىكى 190دىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە ياكى تەشكىلاتنىڭ 300دىن ئارتۇق سىياسىي پارتىيە ئەربابى ۋە مەشھۇر زات توردا سىنلىق ئۇلىنىش شەكلىدە يىغىن مەيدانىغا «كەلدى». ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت رايونىدىن ھالقىپ، كىشىلەر «بۇلۇت»تا جەم بولدى. سىن كۆرۈنۈشىدە، بەزى جايلاردا گۇگۇم چۈشكەنىدى، بەزى جايلاردا يەنىلا قۇياش پارلاپ تۇراتتى. گەرچە تۈمەن چاقىرىم ئارىلىقتا جەم بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقى سۇسلىمىغانىدى.

بۇ، ئوكيان ھالقىغان دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇش −

تونگا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى فاكافانۇئا، پاكىستان ھەققانىيەت ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى، خەلق پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى سۇرى، كامبودژا خەلق پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ 2 - مۇئاۋىن رەئىسى دىۋېڭ، ھىندونېزىيە خەلق بۇرچى پارتىيەسىنىڭ باش رەئىسى، خەلق كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇركىفۇرى، توگو جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خەلق پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى ئىبراھىما، ماراكەش ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش شۇجىسى، ئاۋام پالاتاسىنىڭ 1 - مۇئاۋىن پالاتا باشلىقى ئومرانى، پورتۇگالىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى فىلىپ قاتارلىق سىياسىي پارتىيە ئەربابلىرى سىنلىق ئۇلىنىش ئارقىلىق سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئارقىلىق جۇڭگو شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۇق. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن، دۇنيا ئەھلىنى قايىل قىلىدۇ!

سىننىڭ بۇ ئۇچىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتەك ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى نۇرغۇن جانلىق، تەسىرلىك ھېكايە ئارقىلىق چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن قايتا - قايتا بايان قىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامايان قىلىندى. «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى ئۈچۈن»، بۇ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ جاراڭلىق ۋەدىسى، تېخىمۇ مۇھىمى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ ئارزۇسى.

بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنىڭ كۈچلۈك نامايەندىسى −

«يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا، مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم» «مەن جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى سىشىدا خىزمەت قىلغاندا ھەر ئايدا 4000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالاتتىم، ئېلېكتىر سايمانلىرىنى قۇراشتۇرۇش، رېمونت قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ يۇرتۇمغا قايتىپ شىركەت قۇرۇپ، كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندىم» «مەن پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى داناگۈل ياسىن بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، ھەقىقىي بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندۇق»... خەلقنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى پەرىدە ئوبۇل قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن شىنجاڭلىقلار پۈتۈن دۇنيا بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھېكايىسىنى ئورتاقلاشتى.

ھەربىر كۈلۈمسىرىگەن چىرايدىن تولۇپ - تاشقان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۇرغۇپ تۇراتتى؛ ھەر قېتىمقى ئىشەنچكە تولغان ئىپادىلەشتىن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى يەتكۈزۈلۈپ تۇراتتى − دەل يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئۈزلۈكسىز جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قىياپەتتە، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تېخىمۇ رىغبەتلەندۈرمەكتە.

بۇ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان كەڭ سۇپا −

ئۆزئارا بىلىش يىراق - يېقىن دەپ ئايرىلمايدۇ، ئارىلىقىمىز يىراق بولسىمۇ رىشتىمىز ئۈزۈلمەيدۇ. بۇ قېتىمقى تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار ھېسسىيات بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئاقىلانە قايىل قىلىش ئارقىلىق، ھەرقايسى تەرەپتىكى «ئەڭ چوڭ ئورتاقلىق»نى مۇجەسسەملىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايمىز.

سۇرى سۆزىدە مۇنداق دېدى: «جۇڭگو شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈلۈپتۇ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. بۇ، تۆھمەت قىلغۇچىلارغا بېرىلگەن ئەڭ كۈچلۈك قايتۇرما زەربە».

بۇ قېتىمقى تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقان كۆپ دۆلەت سىياسىي پارتىيە ئەربابلىرى بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كىشىلىك ھوقۇقنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا ياكى كىشىلىك ھوقۇقتا «قوش ئۆلچەم» قوللىنىشقا قارشى تۇرىمىز، جۇڭگو شىنجاڭدا ئاتالمىش «ئىرقىي يوقىتىش» «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت دېيىش پۈتۈنلەي يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە ساختا ئۇچۇر، بۇ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تونۇشىنى خاتا يولغا باشلاشقا ئۇرۇنغانلىق. كۆپ دۆلەت سىياسىي پارتىيە ئەربابلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى باھانە قىلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش، يامان غەرەزدە كۆپتۈرۈش ۋە قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلىشقا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى يېتەكلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچىدى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ نامراتلار سانىنى ئازايتىشتىكى بىر قىسىم تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ».

«پاكىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ھەمكارلىق ئېلىپ كەلگەن مول نەتىجىلەردىن كەڭ دائىرىدە نەپ ئالىدۇ».

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى جۇڭگو روھى، جۇڭگو كۈچىنى نامايان قىلدى».

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىگە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلەيمىز. ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك باشلايدۇ!»

……

تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئېسىل ھېكايىلەر يەنىلا داۋاملاشماقتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىش قەدىمى يەنىلا مەزمۇت. بىز كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئارزۇيىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيە ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شان - شەرەپ كەلتۈرەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق