تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز»

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يۆ يەنيۈن، ياۋ تۇڭ، لى ياڭ، ۋاڭ شىڭرۇي

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى» شىنجاڭ مەخسۇس تېمىلىق تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش يىغىنىنىڭ سىنلىق ئۇلانما زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، چەت ئەللىك مېھمانلار جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مۇقىم، تەرەققىي قىلىۋاتقان ھازىرقى ئەھۋالىغا قارىتا مەدھىيە سۆزلىرىنى ئايىمىدى، «مۇقىم» «بىخەتەر» «ئىناق» «ئىتتىپاق» «بەخت» قاتارلىق سۆزلەرنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى. ئۇلار بىردەك مۇنداق قارىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ھەممىگە ئايان، كەلگۈسى ئىستىقبالى تېخىمۇ گۈزەل، ھەرقانداق بىر ئوبيېكتىپ پوزىتسىيەدە بولغان كىشى بۇ پاكىتنى ئىنكار قىلمايدۇ.

«شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.» پاكىستان دۆلەتلىك پەن - تېخنىكا داشۆسى جۇڭگو تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زەمىر ئاۋان كۆپ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭنىڭ كۆك ئاسمىنىنى، ساپ ھاۋاسىنى، تەملىك مېۋە - چېۋىلىرىنى، ھەرخىل مەززىلىك تائاملىرىنى ياخشى كۆرىمەن، شىنجاڭ ھەقىقەتەن ياخشى جاي».

زەمىر ئاۋان مۇنداق قارىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈلدى. بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بوھتان چاپلىشى ئۇلارنىڭ سىياسىي مۇددىئاسىنى يوشۇرالمايدۇ، بۇ، ئوچۇقتىن - ئوچۇق تۆھمەت قىلغانلىق.

«ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن.» ئىراق كۇردىستان كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى كاۋا مۇنداق دېدى: بەزى دۆلەتلەردىكى سىياسەتۋازلارنىڭ شىنجاڭغا بېسىم قىلىشى، قارا چاپلىشى ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنغانلىق. جۇڭگو ئۆزى قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مەردانىلىك بىلەن كۆپرەك تەشۋىق قىلىشى كېرەك، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر باشقا دۆلەتلەرگە ناھايىتى پايدىلىق.

تۈركىيە ۋەتەنپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى پەلېنچېك جۇڭگو شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ قوغدالغانلىقىغا تېخىمۇ دىققەت قىلدى. ئۇ ئىلگىرى قەشقەر ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، شۇ جايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى قوغدالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدىكى كۆپ خىل نەشر بۇيۇملىرى، رادىيو - تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ھەمدە يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، زور مىقداردىكى ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچىنى سەرپ قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادا ئۈلگە تىكلىدى» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى